خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاۋغۇست سائەت 14 كىچە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە جاۋتۇڭ شەھىرى لۇدىيەن ناھىيەسى، چياۋجيا ناھىيەسى، شاۋياڭ رايونى ۋە چۈجىڭ شەھىرى خۈيزې ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىن 1 مىليون 88 مىڭ 400 ئادەم ئاپەتكە ئۇچراپ، 398 ئادەم قازا قىلدى، 3 يوقاپ كەتتى، 1801 ئادەم يارىلىنىپ، 229 مىڭ 700 ئادەم جىددىي يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزىمىز
لۇدىيەندە 3-ئاۋغۇست يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، ئارمىيە، جامائەت خەۋپسىزلىكى، قوراللىق ساقچى قىسىم قاتارلىقلار زور ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇردى.
يۈننەن ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاۋغۇست خەۋەر ئېلان قىلىپ، 4-ئاۋغۇست سائەت 15 كىچە پۈتۈن ئۆلكىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىدىن 11 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى، 3100 دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ۋە 17 ئاپشاركىنى ئىشقا سېلىپ، جەمئىي 1960تىن ئارتۇق يارىدار ئاممىنى قۇتقۇزغانلىقى، قازا قىلغان 45 ئاممىنىڭ جەسىتىنى تاپقانلىقى، 19 مىڭ 300دىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
4-ئاۋغۇست سائەت 11 گىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى 937 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر، 141 ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ۋە 17 ئاپشاركىنى ئىشقا سېلىپ، لۇدىيەندە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ياردەملەشكەن، ئۇلار خارابىلىكتىن 66 كىشىنى ئىزەپ تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە 30 كىشى ھايات قالغان، 1300دىن ئارتۇق ئاممىنى تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىگەن.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى