خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى ئوچا 1-كەنتى ۋە بېھشىباغ يېزىسىنىڭ چىنباغ كەنتىگە جايلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسى پارنىكچى دېھقانلارنى ئەلا سورتلۇق، پەسىلسىز، ئەرزان باھادىكى 1 مىليون 350 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق قوغۇن–تاۋۇز، كۆكتات مايسىسى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
سۈرەتتە: 3-ئاۋغۇست پارنىكچى دېھقانلار چىنباغ كەنتىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق مايسا يېتىشتۈرۈش بازىسىدا شوخلا مايسىسىنىڭ سۈپىتىنى كۆرمەكتە.
(مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى