ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 28-ئىيۇل خەۋىرى : يېقىندا ، ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۆلكىسىنىڭ دىدكوتتىكى بىر توك ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئۈچ سوۋۇتۇش مۇنارى بىرلا ۋاقىتتا چېقىۋېتىلگەن . بۇ سوۋۇتۇش مۇنارلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرغىنىغا 44 يىل بولغان .
شۇ يەر ۋاقتى 27-ئىيۇل سەھەر سائەت 3:00 تىن 5:00 كىچە ، بۇ سوۋۇتۇش مۇنارلىرى 180 كىلوگىرام پارتلاتقۇچ دورىنىڭ كۈچى بىلەن گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى . يەرلىكتىكى كىشلەر توك ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي، سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىش نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان . توك ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە ، بىخەتەرلىك ۋە ساغلاملىق نەزەردە تۇتۇلغاچقا ، مۇنارنى پارتلىتىش ۋاقتى موشۇ ۋاقىتقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
دىدكوت ئالاھىدە توك ئېلېكتىر ئىستانسىسى 1964-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، 104 مىليون فوندستېرلىڭ ( تەخمىنەن 110 مىليارد خەلق پۇلىغا تەڭ ) كەتكەن . بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى كۆمۈر ۋە نېفىتنى يېقىلغۇ قىلىدىغان بولۇپ ، مورنىڭ ئېگىزلىكى 200 مېتىر ، سوۋۇتۇش مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 100 مېتىر كېلىدىكەن . ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ، بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان . 2006-يىلدىن 2009–يىلغىچە ، ‹‹ يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى ›› نىڭ قوللىغۇچىلىرى بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا نۇرغۇن قېتىم زورلۇق بىلەن بېسىپ كىرگەن .
لېكىن يەرلىكتىكى نۇرغۇن كىشىلەر بۇ مۇنارلارنىڭ چېقىلغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغان. يەرلىكتىكى بىر ئادەم مۇنداق دەپ يازغان : مېنىڭ بالىلىقتىكى ئەسلىمىلىرىم يوق بولدى . بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئادەم مۇنداق دەپ يازغان : پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ، دىدكوتتىكى ئۇچ سوۋۇتۇش مۇنارى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى . بۇ مۇنارلار ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئىدى .