خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېڭىدىن 4 تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي ۋە 7 دۆلەت تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھقا نام بېرىش مۇراسىمى 31–ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىلى «شىنفادى» مېھمانسارىيى قاتارلىق تۆت ئورۇن تۆت يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي نامىغا، ئاقسۇ ئاۋات دولان قەبىلىسى سەيلىگاھى قاتارلىق يەتتە ئورۇن دۆلەت تۆت A دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ نامىغا ئېرىىشتى.
سۈرەتتە: مۇراسىمدىن كۆرۈنۈش. دىلشاد غوجائەھمەد ئىدرىسى فوتوسى
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى