خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيە ساقساق كوچا باشقارمىسىنىڭ ئاممىۋىي لۈشىيەننى ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «مەدەنىيەتنى ئاممىغا يەتكۈزۈش» بويىچە يۈزكۈنلۈك مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى 26- ئىيۇل باشلاندى.
پائالىيەتتە، ساقساق كوچا باشقارمىسى سەنئەت ئەترىتى تەييارلىغان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى ۋە «ئاياللارنىڭ گۈزەللىك قۇرۇلۇشى» ئاساسىي تېما قىلىنغان كىيىم–كېچەك مودېل مۇسابىقە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنىۋىي تەشنالىقى قاندۇرۇلدى. پائالىيەت ئاخىرسىدا روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن قىيىنچىلىقى بار 100گە يېقىن ئائىلىلەردىن ھال سوراش پائالىيىتى ئېلىپ بېرلدى.
ئىگىلىنىشىچە ، ساقساق كوچا باشقارمىسىنىڭ «مەدەنىيەتنى ئاممىغا يەتكۈزۈش» بويىچە يۈزكۈنلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق يەتتە مەھەللىدە يۈز مەيدان سەرخىل سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشى زور دەرىجىدە بېيىتىلىدىكەن.
مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا
سۈرەتتە: 27-ئىيۇلدىكى «مەدەنىيەتنى ئاممىغا يەتكۈزۈش» يۈزكۈنلۈك مەدەنىيەت پائالىيىتىدىن كۈرۈنۈشلەر.
مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى