باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى

2014.07.30 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ ساقچى تەرەپتىن ئىگىلىشىمىزچە، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭنىڭ يەكەن ناھىيەسىدە ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق دېلوسى يۈز بېرىپتۇ. بىر ئۇچۇم زوراۋانلار پالتا-پىچاق بىلەن ئېلىشقۇ بازارلىق ھۆكۈمەت، ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلغان، بىر قىسىم زوراۋانلار خاڭدى بازىرىغا بېرىپ يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چاققان، كۆيدۈرگەن، بىگۇناھ ئاممىنى چاناپ، نەچچە ئون نەپەر ئۇيغۇر، خەنزۇ ئاممىنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 31 ماشىنا چېقىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدىكى 6 ماشىنا كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. ج خ ساقچىلىرى قانۇن بويىچە تېزلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ، نەچچە ئون زوراۋاننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ بىر قېتىملىق تەشكىللىك، غەرەزلىك ئېلىپ بېرىلغان، پۇختا پىلانلانغان، خاراكتېرى ناھايىتى قەبىھ بولغان ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇم دېلوسى ئىكەن. نۆۋەتتە ج خ ئورگىنى دېلونى پۈتۈن كۈچى رازۋىتكا قىلىۋېتىپتۇ، يارىلانغان ئامما ئۈنۈملۈك داۋالىنىۋېتىپتۇ، يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى مۇقىملىشىپتۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر