باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۈشمەننىڭ قەبىھ سۇيىقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلايلى

2014.07.30 08:29         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28-ئىيۇل ، يەكەن ناھىيەسىدە بىر قېتىملىق ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەردى ، توپىلاڭچىلار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ-چېقىپ ۋە كۆيدۈرۈپ ، بىگۇناھ ئاممىنى رەھىمسىزلەرچە چېپىپ ئۆلتۈردى . ج خ ساقچىلىرى قانۇن بويىچە تېز بىر تەرەپ قىلدى ، ھازىر شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي تەرتىپى نورمال . بۇ بىر قېتىملىق تەشكىللىك ، ئالدىن ، ئەتراپلىق پىلانلانغان ، قەبىھ ، يامان تەسىر پەيدا قىلغان ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى بولۇپ ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ بۆلگۈنچىلىككە ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ۋە ئۆتكۈرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى .

  ۋەقە يۈزبەرگەندىن كېيىن ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ، مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى . ئاپتونوم رايون تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جىددىي قوماندانلىق مىخانىزمىنى دەرھال قوزغاتتى ، ۋەقە تېز ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىندى . شۇ كۈنى كەچ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى . ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى بىزگە يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە بولغان ھۆكۈمىنى ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ۋەزىپىسىنىڭ يەنىلا جاپالىق ، مۇرەككەپلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى . زوراۋان ، تېررورچىلار روزا ھېيت ھارپىسىدا ۋەقە تۇغدۇرۇپ ، مۇسۇلمان ئاممىنىڭ روزىسىنى ئاچىدىغان مەزگىلدە تېررورلۇق كەيپىياتى پەيدا قىلىپ ، جىنىنىڭ بارىچە ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇقنى غەرەزلىك مىللەت ، دىنغا باغلىۋېلىپ ، تېخىمۇ زور ۋەقە تۇغدۇرۇشقا ئۇرۇندى ، ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ! بىز زوراۋان ، تېررورچىلارنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز ، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى ، كادىر ۋە ھەر مىللەت ئامما كاللىسىنى سەگەك تۇتۇپ ، پىتنە-ئېغۋالارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، پىتنە-ئېغۋالارغا ئىشەنمەي ، تارقاتماي ، ئالدىنىپ قالماي ، دۈشمەننىڭ قەبىھ سۇيقەستىنى قەتئىي بىتچىت قىلىشىمىز كېرەك .

  بىز شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى ، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ ، بىر تۈركۈم زوراۋانلىق ، تېررورلۇق شايكىلىرى دەل ۋاقتىدا يوقىتىلدى ، بىر تۈركۈم زوراۋان ، تېررورچىلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىپ ، دۈشمەننىڭ ھەرىكەت بوشلۇقى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، بىز دېكتاتۇرىنىڭ كۈچى ئارقىلىق كۈچلۈك زەربە بېرىۋاتقاندا ، يەنە قىسمەن زوراۋان-تېررورچىلار جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ، ئۆلۈم ئالدىدا جان تالىشىپ ، قارشىلىشىپ ۋەقە تۇغدۇرۇپ ، ئۆچ ئېلىپ قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ ، تېررورلۇق پەيدا قىلىپ ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ، دېكتاتۇرىنىڭ كۈچى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ زوراۋانلىق ، تېررورلۇققا زەربە بېرىپ، مۇقىملىقنى بىرلىكتە قوغداش ئىرادىسى ۋە جاسارىتىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولدى . دۈشمەن كۈچلەرنىڭ سۇيىقەستىگە قانۇن ھەرگىز يول قويمايدۇ ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمايدۇ . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلدى . بىز تەلەپكە بىنائەن ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، زەربە بېرىش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى ، زەربە بېرىش بىلەن تەربىيە بېرىشنى ، زەربە بېرىش بىلەن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە كۈچەپ ، شىنجاڭ خەلقىگە تىنچ مۇھىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك . تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ ، تۈرلۈك تەدبىرلەر زەنجىرسىمان باغلانغان ، جايلار ، تارماقلار قەتئىي ، كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەت سەپەرۋەر قىلىش ، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش ، ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ ، مۇقىملىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز جاي، مۇناسىۋەتسىز تارماق ، مۇناسىۋەتسىز كىشى بولماسلىق قارىشىنى مۇستەھكەم تىكلەپ ، بىخۇدلۇق ئىدىيەلىرىنى قەتئىي توسۇپ ۋە يېڭىپ ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ قاتتىق جەڭدە قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك .

  سانسىزلىغان پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، زوراۋان ، تېررورچىلارنىڭ ھەر قانداق سۇيىقەستى قەتئىي ئەمەلگە ئاشمايدۇ، مەغلۇب بولۇش ئاقىۋىتىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، ئۇلارنى كۈتىۋاتقىنى قانۇننىڭ قاتتىق جازاسى ۋە خەلقنىڭ لەنىتى . ھەر قانداق زوراۋانلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشقا ئالغان قەدىمىنى توسۇۋالالمايدۇ . بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىتتىپاق ، ئىناق ، گۈللەنگەن ، باي ، مەدەنىي ، تەرەققىي قىلغان ، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسيالىستىك شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر