باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۈچ پۇقراۋى بانكىنى قۇرۇش تەستىقلاندى

2014.07.30 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئۇچ پۇقراۋى بانكىنى قۇرۇش ئىلتىماسىنى رەسمىي تەستىقلىدى، ۋېنجۇدىكى پۇقراۋى كارخانا جېڭتەي گۇرۇھى بىلەن خۇافېڭ ئەنلۈن شىركىتى باش بولغان ۋېنجۇ پۇقرالار سودا بانكىسى بۇنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالدى. تەستىقلانغان باشقا ئىككى پۇقراۋى بانكا شېنجېن چيەنخەي ۋېيجوڭ بانكىسى بىلەن تيەنجىن جىنچېڭ بانكىسى بولدى.

  ئاشكارا ئۇچۇرلاردىن ئايان بولۇشىچە، بۇ ئۈچ پۇقراۋى بانكا ئورۇن بەلگىلەش جەھەتتە بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىكەن، بۇلارنىڭ مەقسىتى-ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈنۈمى يۇقىرى ۋە پەرقلەندۈرۈلگەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش ئىكەن. شېنجېن چيەنخەي ۋېيجوڭ بانكىسى شەخسىي ئىستېمالچىلار ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا نۇقتىلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. تيەنجىن جىنچېڭ بانكىسى تيەنجىن رايونىنىڭ ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. ۋېنجۇ پۇقرالار سودا بانكىسى بولسا ئاساسلىقى ۋېنجۇ رايونىدىكى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە مەھەللە ئاھالىلىرى، ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار خىزمىتىگە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر