دۆلەت سودا مىنىستىرلىقى مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسى ، يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ، قەشقەر ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى بىرلىكتە تەشكىللىگەن ‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇنبىرى ۋە دۇنيا كارخانىلىرى باشلىقلىرىنىڭ غەربىي قىسىم (قەشقەر) يۇمۇلاق شىرە يىغىنى ›› 27-ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدە ئېچىلدى .
يىغىنغا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى داگاڭ ، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى زېڭ سۈن ، ‹‹ يەر شارى ۋاقت گېزىتى ›› نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ جىن قاتارلىق جۇڭگو ، چەت ئەلنىڭ پارتىيە-ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ، ئىقتىسادشۇناس مۇتەخەسسىسلەر ۋە دۆلەت ھالقىغان 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ باشلىقلىرى قاتناشتى . يىغىنغا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى ياڭ رۈي رىياسەتچىلىك قىلدى ،
بۇ قېتىمقى مۇنبەر قەشقەر بىلەن ئېلىمىز دېڭىز ياقىسىدىكى ئۆلكە-شەھەرلەرنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشى بولۇپ قالماستىن ، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان بىۋاستە ئۇچرىشىشى ، شۇنداقلا ئېلىمىز بىلەن دۇنيانىڭ ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى خەلقئارا مۇنبىرى ۋە دۇنيا كارخانىلىرى باشلىقلىرىنىڭ غەربىي قىسىم (قەشقەر) يۇمۇلاق شىرە يىغىنىنىڭ چاقىرىلىشى قەشقەرنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ .
بۇ قېتىمقى مۇنبەر بىر باش مۇنبەر ۋە ئالتە تارماق مۇنبەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، مۇنبەردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى . ئاساسلىقى ئالتە كەسپكە نۇقتىلىق مەركەزلەشكەن بولۇپ ، ‹‹ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ›› پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى ، يىپەك يولى بەلبېغى مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپلەر تەرەققىياتى ، ‹‹ ھاۋا يىپەك يولى ›› ئوبوروت بەلبېغى ، يېزا ئىگىلىكى كەسپلىرىگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى ، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ يېڭى ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ، يېڭىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.