باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ، تېررورلۇق دېلوسىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى

2014.07.30 08:28         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  — زوراۋان-تېررورچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمىز

  شىنجاڭ گېزىتى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : يەكەن ناھىيەسىدە 28-ئىيۇل سەھەردە ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھوجۇم قىلىش دېلوسى يۈز بەردى . زوراۋانلار ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ھوجۇم قىلىپ ، ئاپتوموبىللارنى ئۇرۇپ چېقىپ ۋە كۆيدۈرۈپ، بىگۇناھ ئاممىنى چېپىپ ئۆلتۈرۈپ ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان سالدى .

  يەنە چېكىدىن ئاشقان جىنايەت يۈز بېرىپتۇ ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار ۋە ئامما 29-ئىيۇل بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، قاتتىق ئازاپلاندى ۋە غەزىپى تاشتى . كۆپچىلىك زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىپلەپ ، زوراۋان-تېرروچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللايدىغانلىقى ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدىغانلىقى ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزماقچى بولغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتكە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

  زوراۋان-تېررورچىلار ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى 29-ئىيۇل چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى كادىرلارغا يىغىن ئېچىپ : ئورگاندىكى كادىرلار كۆزىنى يوغان ئېچىپ ، ھەق-ناھەقنى ئايرىشى ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ ، زوراۋان-تېرروچىلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشى ، ئىغۋاغا ئىشەنمەي ، ئىغۋا تارقاتماي ، ئىش ئورنىنى چىڭ ساقلاپ ، يېنىدىكى ئۇرۇق-تۇققان ، دوست-بۇرادەرلىرىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا قەتئىي يېتەكلىشى ، زوراۋان-تېرروچىلارغا ھىچقانداق پۇرسەت بەرمەسلىكى كېرەك ، دەپ تەلەپ قىلدى .

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ زۇڭشې مۇنداق دېدى : بۈگۈن ياشقا چوڭراق بىر مۇسۇلمان دوستۇمنى يوقلاپ بارغانىدىم ، ئۇ زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ قەبىھ قىلمىشىدىن قاتتىق غەزەپلىنىپ : زوراۋانلارنىڭ رامىزان ئېيىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزگىلى قويمىغانلىقى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلارنى دۈشمەن ئورنىدا كۆرگەنلىكى ، «قۇرئان كەرىم » نىڭ دىنىي ئەقىدىلىرى بويىچە ئۇلارغا زەنجىر-كىشەن تاقىلىپ ، ئەھلى «دوزاخ» قىلىنىدۇ ھەم دوزاخقا مەڭگۈلۈك تاشلىنىدۇ»، دېدى . ئۇنىڭ سۆزى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىنىڭ قەلب سۆزى بولۇپ ، زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ جىنايى قىلمىشى ھەققانىيەتنى ياقلىغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئەيىپلىشىگە ئۇچرىدى .

  «زوراۋانلارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى ئادەم بولۇش ئۆلچىمىنىڭ تۆۋەن چېكىگىمۇ يەتمەيدۇ . ئۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى تەكىتلەيدىغان تىنچلىقنى سۆيىدىغان ، كەڭ قورساق ، ئىناق ئۆتىدىغان مۇسۇلمان دېگەنگە ھەرگىز مۇناسىپ كەلمەيدۇ!»، دېدى شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى ئابدۇرەقىپ داموللا غەزەپ بىلەن . ئۇ مۇنداق دېدى : زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ روزى ھېيتنىڭ ھارپىسىدا بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىشىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ دۈشمىنى ، ئۇلار ئىسلام دىنىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئۇيغۇر مىللىتىگە تېخىمۇ ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، ئۇلار ئىنسان قېلىپىدىن چىققانلار!».

  زوراۋان-تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشنى قەتئىي قوللايمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن فېنشىن مۇنداق دېدى : قانلىق ۋەقە بىلەن تېررورلۇق كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەققانىيەت ۋە كۈچنى قوزغاپ قالماي ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋان-تېرروچىلار ۋە زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى چىڭىتىدۇ ! ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئومۇمىي نىشان قىلىپ ، جىنايەتچىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق ، تېز ، ئېغىر جازالايدۇ . ئېغىر جىنايى ئىشلار جىنايىتى ئۆتكۈزگەن باش جىنايەتچى بىلەن جىنايىتى ئېغىرلارغا «مەخسۇس ئېغىر جازا بېرىپ »، زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ ھەيۋىسىنى قەتئىي يەرگە ئۇرىدۇ .

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ليەنشەن مۇنداق دېدى : ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ۋە بارلىق تەپتىش كادىرلىرى بۆلگۈنچىلىككە ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى ، مۇرەككەپلىكى ، ئۆتكۈرلىكىنى تولۇق تونۇپ ، ئىدىيە ۋە تونۇشىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئانالىز-ھۆكۈملىرى ، قارار-ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى بويىچە ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈشى ، تەپتىشنىڭ فونكسىيەلىك رولىنى ئەستايىدىل جارى قىلدۇرۇپ ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىز قوغلاپ ، ئالدىن ئارىلىشىشى كېرەك . زوراۋان-تېررورچىلارنى تېز تۇتۇپ ، تېز شېكايەت قىلىپ ، ئەجەللىك ھەم كەسكىن زەربە بېرىپ ، كۈچ كۆرسىتىشى ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك .

  «قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى ، غەزىپىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ! مۇسۇلمانلار روزى ھېيتنى خۇشال كۈتۈۋالماقچى بولغان پەيتتە ، زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان جىنايەت سادىر قىلىشىنى ئادىمىلىكى بار ھەر قانداق كىشى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ »، دېدى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى تەرجىمە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ما شىنخەي . بىز جەزمەن زوراۋان-تېرروچىلارنىڭ رەزىل مەقستىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ ، زوراۋانلىق ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بايرىقىمىز روشەن ھالدا قارشى تۇرۇپ ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋان-تېررورچىلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشىنى قەتئىي قوللىشىمىز كېرەك .

  ئىجتىمائىي مۇقىملىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوغدايمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ، مۇدىر سۇڭ خۇڭمۇۋ مۇنداق دېدى : دېلو زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ جەمئىيەتكە ، ئىنسانىيەتكە قارشى ھەقىقىي ئەپتى-بەشرىسىنى تولۇق ئېچىپ بەردى . بىز رېئاللىقنى ئېنىق تونۇپ ، مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇشىمىز ، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك .ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەمنەپەس ، تەقدىرداش ، قەلبداش بولۇش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك .

  ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش پولات قورغىنى قۇرىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن كۇچا ناھىيە ئۈچئۆستەڭ يېزا ئارا مەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى قەيسەر شابانباي مۇنداق دېدى : دېلو يۈز بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، قاتتىق غەزەپلەندىم ، مائارىپ خىزمەتچىسى ھەم كەنتكە چۈشكەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن جەزمەن قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ، ئاساسىي قاتلامدا « ئەلرايىنى بىلىش ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ، ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش » پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ، خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ۋە پۇختا ئىشلەپ ، ئاممىنى زوراۋان-تېررورچىلار بىلەن پائال كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن . زوراۋان-تېررورچىلارنى كوچىدا قالغان چاشقان ئۇر-ئۇرغا قاپتۇ ، دېگەندەك ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىمىز.

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى ما رۇڭ ، خۇيزۇ . ئۇ مۇنداق دېدى : ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئامما روزى ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەن پەيتتە ، زوراۋان-تېررورچىلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى قەتئىي كەچۈرگىلى بولمايدۇ ! زوراۋان-تېررورچىلار شىنجاڭدىكى ئاقكۆڭۈل ۋە باتۇر ھەر مىللەت خەلقنى ھەرگىز قورقۇتالمايدۇ . كۆپچىلىك جەزمەن بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ، دۈشمەنگە بىرلىكتە قارشى تۇرىدۇ . مۇشۇنداق پەيتتە ، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئويۇلتاشتەك ئىتتىپاقلىشىپ ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق زوراۋان-تېرروچىلارغا قايتۇرما زەربە بېرىشى كېرەك !.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر