باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز خەيرى-ساخاۋەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپاتنىڭ شەرتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى

2014.07.30 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىلگەن «جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت مۇكاپاتىنى باھالاش، تەقدىرلەش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، ئېلىمىز خەيرى-ساخاۋەت ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي مۇكاپات بولغان «جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت مۇكاپاتى»نىڭ شەرتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.

  جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت مۇكاپاتىدا جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، جەمئىيەت قاتنىشىشتىكى نۇرغۇن ماددىلار لايىھەلەندى، مەسىلەن: باھالاش جەريانىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە تاراتقۇلار بىلەن تولۇق جەرياندا ھەمكارلىشىش، كەسپىي خاراكتېرلىك تەشكىلاتلارغا كونكرېت خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولۇشقا ھاۋالە قىلىش، باھالاشقا كىرگۈزۈلگەن ئىسىملىككە توردا ئاۋاز بېرىش قاتارلىقلار. جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت مۇكاپاتىدا يەنە جازالاش مېخانىزمى بىلەن مۇكاپات تۈرلىرىنى بىكار قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى. يېڭى چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: تەۋسىيە قىلىنغان ياكى ئۆزى تەۋسىيە قىلىپ جۇڭخۇا خەيرى-ساخاۋەت مۇكاپاتىنى باھالاشقا قاتناشقان شەخس، كارخانا، ئورگان ياكى تۈرلەر ئىچىدە، باھالاش ماتېرىيالىنى تولدۇرۇش ياكى توردا ئاۋاز بېرىشتە كۆز بويامچىلىق قىلغانلار تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان ئالتە يىل ئىچىدە قايتا ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ. مۇكاپاتلانغۇچىلار ئارىسىدىكى قانۇن، ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلار ياكى ناچار ئىجتىمائىي تەسىر پەيدا قىلغانلىرى ئېرىشكەن مۇكاپات بىكار قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر