بىلاير ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە مېھمانلار بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە
ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك تېلېگراف خەۋەرلىرى گېزىتى››نىڭ 26-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى بىلايرنىڭ ئايالىنىڭ 60 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن كەسكىن ئۇرۇش بولۇۋاتقان، توختىماي قان تۆكۈلىۋاتقان غەززەنى تاشلاپ، ئۆزىنىڭ ئەنگلىيە بۇككىڭخامدىكى ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلگەنلىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان. تەنقىد قىلغۇچىلار:‹‹بىلاير بۇنداق ۋاقىتتا ئەنگىلىيەدە ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا شەرقتە بولۇشى كېرەك ئىدى›› دېگەن.
خەۋەردە: ‹‹ ‹ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پەۋقۇلئاددە ئەلچىسى› ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان بىلاير ئەسلىدە كېررى، بان كىمون قاتارلىق سىياسىي زاتلار بىلەن بىرگە پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيەنى ياراشتۇرۇپ، كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان غەززە ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش غېمىدە بولۇشى كېرەك ئىدى، بىراق، ئۇ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدىكى كۆپىنچە ۋاقتىنى ئايالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن سەرپ قىلدى ۋە سىياسىي، سودا ھەم كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىن نۇرغۇن كىشىنى بۇ ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى›› دېيىلگەن. ئۇ بۇ قېتىملىق ئىشتىن بۇرۇن يەنە 25-ئىيۇل، كىلىنتون بىلەن بىرگە جۇڭگو گۇاڭجۇدا ئېچىلغان بىر سودا پائالىيىتىگە قاتناشقان.
بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى كەسكىن توقۇنۇشىدا 1050 ئادەم قازا قىلغان.