باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىسرائىلىيەنىڭ ‹‹تىغ قوغداش ھەرىكىتى›› دە پەلەستىندىن 1000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى(1)

2014.07.28 08:51   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئىسرائىلىيەنىڭ ‹‹تىغ قوغداش ھەرىكىتى›› دە پەلەستىندىن 1000دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى(1)

  25-ئىيۇل، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبى قىسمى بىلەن غەززە چېگرىلىنىدىغان جايدا ۋەزىپە ئىجرا قىلماقتا

  پەلەستىن سەھىيە تارماقلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ 26-ئىيۇل دەلىللىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 20 كۈندىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ‹‹تىغ قوغداش ھەرىكىتى››دە پەلەستىندىن 1030 ئادەم قازا قىلغان، 6000غا يېقىن ئادەم يارىلانغان بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاۋام پۇقرا ئىكەن. سەھىيە تارماقلىرى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىكتىكى تېببىي خادىملار 26-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بومبىلىرىدا پارتلاپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنىڭ خارابىسىدىن 130 ئادەمنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى(خاماس) بىلەن ئىسرائىلىيە بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ب د ت ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ يەر ۋاقتى 26-ئىيۇل سائەت 8:00دىن سائەت 20:00گىچە ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، پەلەستىندىكى يەرلىك تېببىي خادىملار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغانلارنى قۇتقۇزغان ۋە قازا قىلغانلارنىڭ جەسىتىنى خارابىلىكلەر ئىچىدىن كولاپ چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ب د ت ۋە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى فىرانسىيەدە غەززەدىكى ئۇرۇشنى ئۇزۇن مۇددەت توختىتىش ھەققىدە جىددىي كېڭەش ئېلىپ بارغان.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…
      ·مائارىپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى كۇچا ناھىيەسىنىڭ « قوش تىل» ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تەكشۈردى(1)