- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ كۆرىنەرلىك ئاشماقتا
2014.07.28 08:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلەش نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنى ماكرولۇق تەڭشەپ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى. مۇقىملىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، مال باھاسى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى، ئالغا ئىلگىرىلەش تەرەققىيات ئۇسۇلى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۆرىستىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىنغان ئىقتىسادقا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇ ئايان بولدىكى، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەلۇم دەرىجىدە ئاشقان، ئىقتىسادىي قۇرۇلما تەدرىجىي ياخشىلانغان، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قەدىمى تېزلەشكەن، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ئالغا ئىلگىرىلىشى ئاساسەن ئەمەلگە ئاشقان.
گوۋۇيۈەن مەسلىھەتچىلەر ئىشخانىسىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى ياۋ جىڭيۈەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتى تېزلەشكەن، بۇ ساھەدىكى سودا پائالىيىتى، يېڭى زاكاز، يېڭى ئېكىسپورت زاكىزى كۆرسەتكۈچى يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيان زور دەرىجىدە ئاشقان. ئىشلەپچىقىرىش تىپىدىكى مۇلازىمەتچىلىك ۋەكىللىكىدىكى زامانىۋىي مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 3-كەسىپنىڭ ئېشىش سۈرئىتى 2-كەسىپنىڭكىدىن تېز بولۇش يۈزلىنىشى داۋاملىشىشى مۇمكىن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى جەھەتتە بىرىنچى چوڭ ئۆلكە بولغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەلۇم دەرىجىدە ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى بىر قەدەر يۇقۇرى بولدى، قۇرۇلمىنى يەنىمۇ تەڭشەش سەرخىللاشتۇرۇلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر تېز بولۇپ، سانائەتتىكى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئىلغار كەسىپلەرنىڭ ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلەندى، ئەمما يۇقۇرى سەرپىياتلىق كەسىپلەر تەدرىجى زاۋالغا يۈز تۇتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىرىنچى پەسىلدە سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت ئېنېرگىيە چوڭ ئۆلكىلىرى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تەرتىپى جەھەتتە كەينىدە تۇردى، بۇ پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ ئاجىزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا مەملىكەت بويىچە يۇقۇرى سەرپىياتلىق كەسىپلەرنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشىنىڭ جانلىق كارتىنىسى يۇشۇرۇنغان، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە پۈتۈن جەمئىيەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ، بۇلغىمىنى ئازايتىشنىڭ ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىنىڭ مەركەزلىك گەۋدىلىنىشىدۇر. بەزى ئۆلكىلەرنىڭ ئالدىدا، بەزى ئۆلكىلەرنىڭ كەينىدە تۇرۇشى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئالدىنقى يېرىم يىلدا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاساسلىقى ئىستېمال ۋە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئوڭ يۆنىلىشلىك تۈرتكە بولۇشىدىن بولدى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئېشىشىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى مەلۇم دەرىجىدە ئاشتى، ئىچكى تەلەپنى ئاشۇرىدىغان سىياسەت-تەدبىرلەر تەدرىجى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى.
ئىستېمالنىڭ ئېشىشى ئومۇمنىڭ پۇلىغا ئىستېمال قىلىشنى تىزگىنلەش، ئاممىنىڭ ئىستېمال قىلىشى، تور ئىستېمالى قاتارلىقلارنىڭ داۋاملىق تېز ئېشىشى ئاساسىدا بولدى. بۇ ئىستېمال قۇرۇلمىسىدا ئىجابىي ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشى بىر تەرەپتىن ئۆي-مۈلۈك ۋە يۇقۇرى سەرپىياتلىق كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشىنىڭ ئاستىلىشىدىن، يەنە بىر تەرەپتىن كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى، كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق ئىگىلىكىدىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەبلەغ سېلىشنىڭ داۋاملىق تېز ئېشىشىدىن بولدى. بۇ يەردىكى ئاستىلاش ۋە تېز ئېشىش مەبلەغ سېلىش قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ سەرخىللىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر