- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئېلان قىلىندى
2014.07.28 08:50 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەتلىنىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە نىڭشيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن تەڭلەشتى. بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، شاڭخەي، جېجياڭ، جىلىندىن ئىبارەت ئالتە جاينىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن تۆۋەن بولدى، قالغان 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەتنىڭ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى بولدى. 1-پەسىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىر قانچە ئۆلكىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تۆۋەنلىگەن.
29 ئۆلكە ئىچىدە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقداى 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان ئۆلكە 10، ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرىدىغىنى شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز بويى شەھەرلىرى بولۇپ، ئايرىم ئايرىم گۇاڭدۇڭنىڭ 13 تىرىليون87 مىليارد 909 مىليون يۈەنگە، جياڭسۇنىڭ 3 تىرىليون 11 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە، شەندۇڭنىڭ 2 تىرىليون 808 مىليارد 30 مىليون يۈەنگە يەتكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى ئېشىش سۈرئىتى ئىچىدە شىزاڭنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %11.7 بولۇپ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان، چۇڭچىڭ، تيەنجىن، چىڭخەي، گۈيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرنىڭ %10 تىن ئېشىپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشقان.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر