باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئارمىيەدىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ تۇرالغۇسىنى ئېنىقلاش تەلەپ قىلىندى

2014.07.28 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۆت باش بۆلۈم، ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا «دەم ئېلىشقا، پىنسىيەگە چىققان كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۇرالغۇ ۋە ماشىنىدىن پايدىلىنىش مەسىلىسىنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى چىقىرىپ، پۈتۈن ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ تەدبىرلىرى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قايتۇرۇش ۋە يۇچۇق قالماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار قايتا تەكىتلەندى: بىر كىشىنىڭ بىر شەھەردە پىرىنسىپ جەھەتتە ۋەزىپە دەرىجىسى ئۆلچىمى ئىچىدىكى بىر تۇرالغۇسى بولۇشى كېرەك، ئىككى يەردە تۇرالغۇسى بولسا، كۆلىمى شۇ كىشىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتسە قايتۇرىدۇ ياكى تەڭشىلىدۇ. ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، شۇ تۇرالغۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى تاۋار ئۆينىڭ بازاردىكى ئىجارە ھەققىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى باھاسى بويىچە ھېسابلاپ ئىجارە پۇلى ئېلىنىدۇ، مالىيە تارماقلىرى بۇ پۇلنى شۇ كىشىنىڭ مائاشىدىن بىۋاسىتە تۇتۇپ قالىدۇ؛ ھەر خىل مۇلازىمەت كاپالىتى ۋە پاراۋانلىق ۋاقتىنچە توختىلىدۇ؛ يەسىرەلەر ۋە پەرزەنتلەر تۇرالغۇنى قايتۇرۇشنى رەت قىلسا، شۇ كىشىنىڭ ئىدارىسىگە ئەھۋال مەلۇم قىلىنىدۇ، زۆرۈر تېپىلسا مەمۇرىي ۋە قانۇنى ۋاسىتە قوللىنىلىپ، تۇرالغۇ قايتۇرىۋېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر