باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە تىرىشىپ بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنى مۇكاپاتلىدى

2014.07.30 08:36   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە تىرىشىپ بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنى مۇكاپاتلىدى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ گۇما ناھىيە چودا يېزا باشبۇلاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى 27–ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن كەنت ئاھالىلىرى يىغىنى ئېچىپ ، كەنتتىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ۋە تىرىشىپ بېيىغان كەنت ئاھالىلىرىنى مۇكاپاتلىدى . يىغىندا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ، ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئالتە نەپەر ئوقۇغۇچى ئايرىم ھالدا 500 يۈەندىن 1500 يۈەنگىچە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ؛ دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ئېچىپ ، ئالدىن بېيىغان ئىككى نەپەر كەنت ئاھالىسى ئايرىم ھالدا 10 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغىگە ئېرىشتى .

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا باشبۇلاق كەنتىنىڭ قۇملۇققا يېقىن ، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىشى بېشى تېرىقچىلىق كۆلىمىنىڭ بىر موغىمۇ يەتمەيدىغان بىلدى ، بۇ يەردىكىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ، چوقۇم دۆلەتنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا ھەقسىز مائارىپى قاتارلىق بىر تۈركۈم خەلققە قولايلىق مائارىپ سىياسەتلىرىگە تايىنىشى ، كەنتتىكى تېخىمۇ كۆپ بالىلار مائارىپنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى . بۇنىڭدىن باشقا ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك ئىدى . بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ ، كەنت ئاھالىلىرىگە ئاپتونوم رايوننىڭ خەلققە قولايلىق يەتكۈزۈش مائارىپى ۋە سىرتلاردا ئىشلەمچىلىك قىلىش ئېتىبار سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى . كەنتتە تۇرۇشلۇق خادىملارنىڭ ئۇزاق مەزگىل سەۋرچانلىق بىلەن خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە ، كۆپ قىسىم كەنت ئاھالىلىرى مائارىپنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرى ۋە سىرتلاردا ئىشلەش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ، جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىش ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش قاتارلىقلارنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى .

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: ئىمتىھانغا ئادەم سېلىش جىنايىتىگە چېتىلغانلارنى ئەدىلىيە ئورگانلىرىغا يوللاشق…