باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا-جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى داغدۇغۇلۇق باشلاندى(1)

2014.07.30 14:25   مەنبە: خەلق تورى

10- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا-جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى داغدۇغۇلۇق باشلاندى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى:

  ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى، فوتوسى: 10- نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ قەشقەر ئوتتۇرا-جەنۇبىي ئاسىيا سودا يەرمەنكىسى 27- ئىيۇل چۈشتىن بۇرۇن قەشقەر خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داغدۇغۇلۇق باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى»نى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، شەندوڭ، شاڭخەي، گۇاڭدوڭ، شېنجېن قاتارلىق ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، يەرمەنكە 27- ئىيۇلدىن 29- ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» دە زال ئىچى يايما ئورنىدىن 1000 ى، زال سىرتى يايما ئورنىدىن 300 ى تەسىس قىلىندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 1500 دىن ئارتۇق سودا ئۆمىكى ۋە مېھمانلار تەكلىپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە چەتئەل ھۆكۈمەت كارخانا ۋەكىللىرى 800 دىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئۇلار 8 دۆلەتتىن كەلگەن.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە 500 دىن ئارتۇق كارخانا ۋەكىللىرى قەشقەرگە كىلىپ ئېكىسكۇرسىيە، كۆزدىن كۆچۈرۈشكە تەكلىپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە گۇاڭجۇ شەھەرچىسى، شۇگۇاڭ خەلقئارا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى شەھەرچىسى، يۇەنفاڭ ماددى ئاشيا پورتى قاتارلىق سەھنىلەردىن پايدىلىنىپ سودىگەرلەر، سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى جەلپ قىلىپ كېڭەشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» دۆلەتنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى، جۇڭگو-پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى بەرپا قىلىش ئىستىراتېگىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، قەشقەرنى غەربىي دىياردىكى مەرۋايىت شەھەر ۋە غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆزنەك شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى نىشان قىلىپ، «ئەمەلىيەتچىل، يۇقىرى ئۈنۈملىك، ئۆلچەملەشكەن، يېڭىلىق يارىتىلغان، بىخەتەر، تېجەشلىك» يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش پىرىنسىپى بويىچە، يەرمەنكە سەھنىسىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپا ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كەسپلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىكنى ئۆزئارا تولۇقلاش، ھەمكارلىق ئارقىلىق ھەر قايسى تەرەپلەر تەڭ مەنپەئەتلىنىشتەك ئىقتىساد-سودا تەرەققىيات سەھنىسى بەرپا قىلىپ، قەشقەرنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىمقلىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقسەد قىلىنغان.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى ئىسمايىل تىلىۋالدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شى داگاڭ، جارۇللا ھېسامىددىن قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  سۈرەتتە: «قەشقەر سودا يەرمەنكىسى» نىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈشلەر. مۇھەررىر : ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…
      ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سوۋغات بۇيۇم ۋە سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىشىغا ئالتە «قىزىل سىزىق» بەلگىلەندى