باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جوۋ يۇڭكاڭنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا «يولداش» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ

2014.07.30 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

    خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ30-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:جوۋ يۇڭكاڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقىغا قارىتا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ دېلو تەكشۈرۈش خىزمەت نىزامى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈشىنى قارار قىلدى.

  2012-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يولداش بو شىلەينىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى» دېگەن ئۇقتۇرۇش بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم جوۋ يۇڭكاڭ ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، بىرىنچىدىن، «يولداش» سۆزى ئىشلىتىلمىگەن، ئىككىنچىدىن «دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش» دېيىلمەي، «دېلو تۇرغۇزۇپ قاراپ چىقىش» دېيىلگەن. خەلق تورى مۇخبىرى مۇشۇ ئىككى پەرق ھەققىدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلدى.

  «يولداش» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلمەسلىكى، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش دەرىجىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى ۋە پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ

  ئاۋىئاتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى ئاممىۋى باشقۇرۇش ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى رېن جيەنمىڭ مۇنداق دېدى:

  ئەگەر مۇناسىۋەتلىك مەسىلە تەكشۈرۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش تېخى بېكىتمىگەن بولسا، ئادەتتە «يولداش» سۆزى ساقلاپ قېلىنىدۇ. «يولداش» سۆزى ئىشلىتىلمىگەن بولسا، پارتىيە ئىچىدە جوۋ يۇڭكاڭغا بولغان تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسەن تاماملانغانلىقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە چوقۇم پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ.
  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر