ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىدىكى دېھقانلار بۇ يىل 19مىڭ 500 مو يەرگە سورتلۇق قوغۇن – تاۋۇز تېرىغانىدى ، دېھقانلار تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوغۇن – تاۋۇز مايسىلىرىنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈجۈبىلەپ ياخشى باشقۇرغانلىقتىن قوغۇن – تاۋۇزلار ئوبدان ئوخشاپ، بالدۇر بازارغا كىردى، باھاسىمۇ بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى.
دېھقانلار ئىيۇلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قوغۇن – تاۋۇزلارنى توپ ۋە پارچە سېتىپ ، ھەر مو يەردىن ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 3000يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، قوغۇن – تاۋۇز تېرىغاننىڭ پايدىسىنى كۆردى.
سۈرەتتە: 29- ئىيۇل دېھقانلار ناھىيەلىك مېۋە – چىۋە توپ سېتىش بازىرىدا قوغۇن – تاۋۇزلىرىنى ساتماقتا.
(مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)