باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ ئالجىرىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھال سورىدى

2014.07.30 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25-ئىيۇل ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى بۇتەفلىقە، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندىغا ئايرىم-ئايرىم تېلېگرامما ئەۋەتىپ ھال سورىدى. شى جىنپىڭ بۇتەفلىقىگە يوللىغان ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مەن ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ AH5017 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ بەختكە قارشى چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولغانلىقىنى ئۇقتۇم، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، بەختكە قارشى قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. شى جىنپىڭ ھوللاندىغا يوللىغان ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: مەن ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ AH5017 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ 24-ئىيۇل مالىدا بەختكە قارشى چۈشۈپ كېتىپ، فىرانسىيەلىك نۇرغۇن يولۇچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم. مۇشۇنداق ئازابلىق پەيتلەردە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورايمەن. جۇڭگو خەلقىنىڭ فىرانسىيە خەلقىگە چوڭقۇر مۇھەببىتى بار، مۇشۇنداق پەيتتە، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبى فىرانسىيە خەلقى بىلەن بىللە.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ شۇ كۈنى ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئالجىرىيە زۇڭلىسى سېرال، فىرانسىيە زۇڭلىسى ۋالىسقا ھال سوراش تېلېگراممىسى يوللىدى. لى كېچياڭ سېرالغا يوللىغان ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ AH5017 قېتىملىق يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم بولدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن. لى كېچياڭ ۋالىسقا يوللىغان ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى يېقىندا مالىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى فىرانسىيەلىك يولۇچىلار بەختكە قارشى قازا قىلدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر قايغۇردۇم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن، قازا قىلغۇچىلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر