باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق لېكتورى چېگرا سىرتىدىكى شەرقىي تۈركستان ئۇنسۇرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن

2014.07.31 13:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى تەپتىش تەرەپنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلدى، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىگە چېتىشلىق جاۋابكار ئىلھام توختى (مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ سابىق لېكتورى) ئۈستىدىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەر سۇندى.

  بۇندىن بۇرۇن شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلگەنىدى: تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى چېگرا سىرتىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» كۈچلىرى بىلەن ئالاقە باغلىغان، ج خ ئورۇنلىرى ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىلھام توختىنىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى ھەققىدە تولۇق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلىدى. نۆۋەتتە دېلو داۋاملىق بېجىرىلىۋاتىدۇ.

  شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى: ئىلھام توختى «ئۇيغۇر بىز» تور بېكىتىنى قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى تەشكىللەش، ئۆزىگە تارتىش، باشقۇرۇش ئارقىلىق تور بېكەتنىڭ باشقۇرغۇچىسى، ئالاقىچىسى، ئۇچۇرچىسى قىلىپ، پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ، دېلو ۋە ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ، كۆپتۈرۈپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاتاق تېرىپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى تارقىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، «شىنجاڭ مۇستەقىللىقى»نى تەرغىپ قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر