باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە ‹‹ئاممىدىن كەلگەن خەت››، دەپ يېزىلغان ئەرزىيەت خەتلىرىدىن پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ

2014.07.31 13:36         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە مەمۇرىي رايون ئىچىدىكى ئامما بۇ يىل 7 – ئايدىن باشلاپ خەت ئارقىلىق ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش ۋە ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەرنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى، ئاممىۋى ئىجتىمائىي تەشكىلات، شۇنداقلا رەھبىرىي يولداشلارغا ئېغىرلىقى 20 گىرامدىن تۆۋەن بولغان خەت ئەۋەتسە، خەتنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىگە ‹‹ئاممىدىن كەلگەن خەت›› دەپ ئىزاھلانغانلا بولسا، بىردەك پوچتا ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  ئەرزىيەت خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۆلكە دائىرىسىدە ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت پوچتىسى››نى يولغا قويدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى پوچتا شىركىتىگە قاراشلىق پوچتا كارخانىلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت خېتى›› ئۈچۈن يېشىل يول ئېچىپ، پوچتا يوللانمىسى سېلىش ۋە سانىنى ئىستاتىستىكا قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ. خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى پوچتا يوللانمىسى يەتكۈزۈش تارماقلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت خېتى››نى خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ خەت – چەك بۆلۈمىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە ھەم خەتنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئورۇننىڭ خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىسىنىڭ ئىمزا قويۇپ جەزىملەشتۈرۈشىگە مەسئۇل بولىدۇ.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: پوچتا كارخانىلىرى ‹‹ھەقسىز ئەرزىيەت پوچتىسى›› دائىرىسىگە كىرىدىغان خەتنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىشى، توشۇشى ۋە يەتكۈزۈشى كېرەك. قوبۇل قىلماسلىقىغا، باستۇرۇپ قويۇشىغا، ئۆز مەيلىچە ئېچىشىغا، يوقىتىۋېتىشىگە ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشىگە بولمايدۇ. ئاممىدىن كەلگەن خەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىغان، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر