باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ گاۋلى سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.30 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 28-ئىيۇل جۇڭنەنخەيدە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-سىنگاپور جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دۆلەت بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاش مىنىستىرى ھەم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى جاڭ جىشيەن بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتى ياخشى راۋاجلانماقتا، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشمەكتە. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودىسى ۋە ئۆز ئارا سالغان مەبلىغى مۇقىم ئېشىپ، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقى داۋاملىق تېزلەشتى، سۇجۇ سانائەت باغچىسى، تيەنجىن ئېكولوگىيە شەھەرچىسى قاتارلىق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئىككى تەرەپنىڭ جەمئىيەتنى تەرتىپكە سېلىش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى كۈنسايىن قويۇقلىشىپ، جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتى ھاياتىي كۈچكە تولماقتا. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى، جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە تېرىشىپ، ئومۇميۈزلۈك، كۆپ ساھەلىك، كۆپ قاتلاملىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەدە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. جاڭ جىشيەن مۇنداق دېدى: سىنگاپور بىلەن جۇڭگونىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، ھەمكارلىق ساھەسى كەڭ. سىنگاپورنىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسى كامىل. سىنگاپور ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر