باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھەرمىللەت خەلقى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋان–تېررورچىلارنىڭ رەزىل نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ

2014.07.31 13:30         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا 28 – ئىيۇل سەھەردە ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما قاتتىق ئازابلاندى، غەزەپلەندى، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل قىلمىشىغا كۈچلۈك لەنەت ئوقۇدى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق چوڭ بازار مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ئايتۇرسۇن ئەمەر مۇنداق دېدى: مەھەللىمىزدە ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، مەھەللىمىزدىكى ئاھالىلەر بەكمۇ ئىناق ئۆتىدۇ، ھېيت كۈنلىرى مىللەت ئايرىشماي ئۆزئارا ھېيتلىشىدۇ. بۇ قېتىم بىز يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدا زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ ئېغىر زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلەندۇق، ئۇلارنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان بۇ قىلمىشىنى كۈچلۈك ئەيىبلەيمىز.

  ھەر مىللەت ئامما خۇشال – خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە، رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئاشۇ زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ قېرىندىشى، ئۇرۇق – تۇغقىنى، دوست – بۇرادەرلىرى يوقمىدۇ؟ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنى سادىر قىلىۋاتقاندا قېرىنداشلىرى، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست – بورادەرلىرىنى ئويلىمىغانمىدۇ؟ دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم، ئۇلار ھەقىقەتەن ئادەم قېلىپىدىن چىقىپتۇ. ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت ئاممىسى چوقۇم بىرلىكتە تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، بۇ بىر ئوچۇم زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل نىيىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايدۇ!

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونى ‹‹قىزىل بۇت›› كوچا باشقارمىسىغا قاراشلىق ‹‹كاڭيۆ›› مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسنىڭ شۇجىسى ئەخمەت ئۆمەر مۇنداق دېدى: ھازىر ھال – كۈنىمىز بارغانسىېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھۆكۈمەتمۇ كۆپلىگەن ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئۆيى يوقلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىۋاتىدۇ، نامرات ئائىلىلەرگە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى تارقىتىۋاتىدۇ، مۇقىم خىزمىتى يوقلارغا ئىش تېپىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل غەرىزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قەبىھ ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، بىگۇناھ ئاممىنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىتىشى ھەر قانداق ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بىر ئوبدان ھېيتنى ھېيت قىلماي، ئومۇمىي كەيپىياتنى بۇزۇپ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا دەخلى – تەرۇز قىلىشى ھەممە ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ. مەھەللە كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاساسىي قاتلامدا ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مەھەللە خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنى زوراۋان – تېررورچىلار بىلەن پائال كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ما يۈتاۋ مۇنداق دېدى: بەزى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى بايرام ۋە ھېيتلارغا توغرىلىنىپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ مەقسىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى بۇزۇشتۇر. لېكىن بىز ئۇلارنىڭ مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىغا، تىنچ مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەر قانداق ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، زوراۋان – تېررورچىلارنىڭ رەزىل مەقسىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر