باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پەرقلىق نوپۇس ئورنىتىش سىياسىتى يولغا قويۇلىدۇ، قويۇۋېتىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسى قويۇۋېتىلىدۇ، تىزگىنلەشكە تېگىشلىكلىرى تىزگىنلىنىدۇ

كىچىك شەھەرلەرگە نوپۇس ئورنىتىش ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى

2014.07.31 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-ئاينىڭ 30-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز مىنىستىرلىق-كومىتېتنىڭ مەسئۇللىرى «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»گە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پىكىر» ھازىر ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىلدە مەملىكىتىمىزنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، بۇ زور ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ نىشانى ‐‐ 2020-يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا لايىقلاشقان، جەمئىيەت باشقۇرۇش ۋە جامائەت مۇلازىمىتىگە ئۈنۈملۈك تىرەك بولالايدىغان، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان، ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، قېلىپلىق، تەرتىپلىق يېڭىچە نوپۇس تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەردە نومۇر تىزىملاش يولغا قويۇلىدۇ.

  خۇاڭ مىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پىكىر»دە نوپۇس ئورنىتىش، كۆچۈش سىياسىتى ھەققىدە كونكرېت ئىزاھات بېرىلدى، باش تەلەپ شۇكى، قويۇۋېتىشكە بولىدىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋېتىش، تىزگىنلەشكە تېگىشلىكلىرى تىزگىنلەش، پەرقلىق نوپۇس ئورنىتىش سىياسىتى يولغا قويۇش.

  خۇاڭ مىڭ مۇنداق دېدى: «شىتاتلىق بازار ۋە كىچىك شەھەرلەر ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلىدۇ، ئولتۇراقلىشىش ئارزۇسى ۋە قانۇنلۇق، مۇقىم تۇرالغۇسى (ئىجارە ئۆيمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) بولسىلا بولىدۇ. ئوتتۇرا شەھەرلەر ئاساسەن قويۇۋېتىلىدۇ، قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى، قانۇنلۇق، مۇقىم ئىش ئورنى بولسىلا، ئىلگىرى-كېيىن تەرتىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ، ئولتۇراقلىشى ئارزۇسى بارلارغا ئادەتتە نوپۇس ئورنىتىپ بېرىشكە بولىدۇ. قويۇۋېتىشكە بولىدىغان چوڭ شەھەرلەر ئىمكانقەدەر قويۇۋېتىلىدۇ، مەسىلەن، شەھەر رايونىدىكى نوپۇسى بىر مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان شەھەرلەردە، قانۇنلۇق مۇقىم ئىش ئورنىدا مەلۇم مەزگىل ئىشلىگەن بولسا ۋە قانۇنلۇق مۇقىم تۇرالغۇسى بولسا، دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ۋاقتى مەلۇم مەزگىلگە يەتكەن بولسا، نوپۇس ئورنىتىشقا بولىدۇ.»

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر