باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاموژنا تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىدىكى «ئۈچ بىر قېتىم» قېلىپى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە يولغا قويىلىدۇ

2014.08.01 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يولغا قويغان تاموژنا تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىدىكى بىر قېتىملىق ئىلتىماس، بىر قېتىملىق تەكشۈرۈش، بىر قېتىملىق قويۇپ بېرىش تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتۈش قېلىپى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىۋاستە قاراشلىق تاموژنا ۋە تەكشۈرۈپ كارانتىن قىلىش تارماقلىرى، بارلىق تاموژنىدىن ئۆتۈش نەق مەيدانلىرى، بارلىق قانۇن بويىچە تاموژنىغا تەكشۈرۈشكە سۇنىلىدىغان بۇيۇم ۋە ماللارغا قوللىنىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە تاموژنا تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىدىكى «ئۈچ بىر قېتىم» تاموژنىدىن ئۆتۈش قېلىپى مەملىكەت ئىچىدىكى سەككىز ئۆلكىدىكى 56 چېگرا ئېغىزى نەق مەيدانىدا قوللىنىلغان، بۇنىڭ بىلەن كارخانىلارنىڭ تەخمىنەن %30 تاموژنىدىن تەكشۈرۈشنى قايتا ئىلتىماس قىلىش تۈرى ئازىيىدۇ. ئىلتىماس قىلىش ھالقىسىنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن %30 تېجىلىدۇ. تەكشۈرۈش ھالقىسىنىڭ ۋاقتى ۋە ھەققىنىڭ تەخمىنەن يېرىمى تېجەپ قېلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر