باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

پېرۇدا بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتتى(1)

2014.07.31 13:34   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پېرۇدا بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس تاغ جىلغىسىغا چۈشۈپ كەتتى(1)

  پېرۇ ‹‹سودا گېزىتى›› ۋە مېكسىكا ‹‹ئازتېك خەۋەرلىرى ›› تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورىنىڭ 29–ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ يەر ۋاقتى 28–ئىيۇل ، پېرۇنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى تاغ يولىدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوبۇس 60 نەچچە مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كېتىپ ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 19 ئادەم قازا قىلغان ، 13 ئادەم يارىلانغان .

  يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە ، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىقلانمىغان . لېكىن ھايات قالغانلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، ئاپتوبۇسقا چەكتىن ئارتۇق ئادەم سېلىنغان ، شۇنداقلا شوپۇر ئاپتوبۇس سۈرئىتىنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدىگەن . ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتوبۇسقا چەت ، يىراق تاغلىق رايوندىن كەلگەن 31 دېھقان ئولتۇرۇپ ، كاجاتامبودىكى بىر پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئىكەن . نۆۋەتتە 13 يارىدار دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلگەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شوپۇرمۇ بار ئىكەن .

  ئىگىلىنىشىچە ، پېرۇدا يولۇچى تىرانسپورت ئىشلىرى قاتتىق نازارەت قىلىنمىغاچقا ، ۋەقەلەرنىڭ كۆپىنچىسى نورمىدىن ئارتۇق ئادەم سېلىش ، سۈرئەتنى چەكتىن ئاشۇرۇپ ھەيدەش ياكى شوپۇر ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن كېلىپ چىقىدىكەن . پېرۇ قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇلتۇر بىر يىلدىلا پېرۇدا 3110 ئادەم قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان .

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەر تۆت دەرىجىلىك پۇتبۇل…
      ·ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بويىچە قوبۇللانغان ئوقۇغۇچى قاتارلىق 50 تۈرلۈك ئۇچۇرنى ئېلان قىلىدۇ
      ·ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئەل يول ئەلالار ۋە داڭلىق مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغانلار كاتتا مۇكاپاتلاندى
      ·كورلا شەھىرىدە يازلىق تەتىل ئەھمىيەتلىك ئۆتمەكتە(1)
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 9-ئايدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ، دېگەن خەۋەرنى ئىنكار قىلدى
      ·«يېڭى يېپەك يولى»نىڭ باشلامچىلىرى ـــ تاجىكىستاندىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەر
      ·يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇنجى ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %70 تىن ئاشتى
      ·بالىلارنى ‹‹ئوقۇش ئەسقاتمايدۇ›› دېگەن سەپسەتە بىلەن قايمۇقتۇرۇشقا يول قويمايلى
      ·شىنجاڭدا 2014-يىللىق تولۇق كۇرس 1-تۈركۈمگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئارخىبى چىقىرىش 17-ئىيۇلدا رەسمىي ب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۆلكە ئاتلاپ ئۆرلەپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش توغرىس…