باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2015-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2000 دىن ئارتۇق جايدىكى كىچىك كۆمۈر كانلار تاقىلىدۇ

2014.08.01 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ۋە دۆلەتلىك كۆمۈر نازارەت قىلىش ئىدارىسى چىقارغان قالاق، كىچىك كۆمۈر كانلارنى شاللىۋېتىش نىشانىغا ئاساسەن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 2000 دىن ئارتۇق جايدىكى كىچىك كۆمۈر كانلار تاقىۋېتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە 711 جايدىكى كىچىك كۆمۈر كان تاقالغان. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك كۆمۈر نازارەتچىلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فۇ جيەنخۇا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خېيلۇڭجياڭ، يۈننەن، گۈيجۇ، خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، سىچۈەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق كىچىك كۆمۈر كانلار كۆپ ئۆلكىلەر تاقىۋېتىش كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، 90 مىڭ توننا ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆمۈر ۋە گاز مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان كانلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر