يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى : ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 30-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ، ئىسرائىلىيەنىڭ تانكىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززە رايونىدا تەسىس قىلغان مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ ، 19 پەلەستىنلىكنىڭ قازا قىلىشى ، 125 پەلەستىنلىكنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . بۇنىڭ بىلەن غەززە رايونىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 1300 دىن ئېشىپ كەتكەن . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياردەم بەرگۈچى ئەمەلدارى 30-ئىيۇل ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قىلمىشىنى 17-قېتىم ئەيىبلىگەندە ئۇدۇللا مۇنداق دېگەن : بۇ دۇنيانىڭ نومۇسى ، بۈگۈن پۈتۈن دۇنيا خىجىللىق ھېس قىلىدۇ .