- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قەشقەرلىك ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتنى قەستلەش دېلوسى پاش قىلىندى
2014.08.01 11:28 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ1-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساقچى تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن تەكشۈرۈش ئارقىسىدا، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللانى قەستلەش دېلوسى پاش قىلىندى.
ئېنىقلىشىچە، تۇرغۇن تۇرسۇن، مۇھەممەتجان رەھمىتۇللا، نۇرمۇھەممەت ئابلىمىتتىن ئىبارەت 3 زوراۋان دىنىي ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «چوڭ ئىش قىلىپ» تەسىرىنى ئاشۇرۇش غەرىزىدە، 7-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 6 دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، جۈمە تاھىر داموللام بامدات نامىزىغا ئىماملىق قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەن.
دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج خ ئورگانلىرى نىشاننى تېزلىكتە ئېنىقلاپ قولغا ئالغان. 30-چېسلا چۈشتە ئۈچ زوراۋان پالتا بىلەن ساقچىلارنى چېپىپ تۇتۇشقا قارشىلىق قىلغاندا، ساقچىلار كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى ئېتىپ تاشلاپ، بىرىنى قولغا ئالغان.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر