باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالاشتا بىردەكلىكنى ساقلىيالامدۇ؟

2014.08.01 09:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا رۇسىيەنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازالاشنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مالايسىيە ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇكرائىنادا چۈشۈپ كەتتى؛ ئارقىدىن، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا يەنە رۇسىيەنى يېڭىدىن تېخىمۇ قاتتىق جازالاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھالبۇكى، جازالاش بولسا بىر مەسىلە، جازانىڭ مەزمۇنىنى بېكىتىش بولسا يەنە بىر مەسىلە. بۇنىڭ ئارقىسىدا ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش شۇكى، مۇھىم ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن سىرت، يەنە چىرايلىق سۆزلەرنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇنغان سىياسىي تىركىشىش بار، بۇ بىر چوڭقۇرلۇققا ئىگە بولغان بۈگۈنكى دەۋر قېلىپىدىكى سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقتىن قېلىشمايدۇ.




  ئۇكرائىنا كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشتى دەپ، رۇسىيەگە ئۈچ نۆۋەت جازا يۈرگۈزدى. گەرچە جازانىڭ ئۈنۈمىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش ئەرزىيدىغان ئىش بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ئۇسۇلىدا روشەن پەرق ساقلاندى. بۇ ئاساسلىقى مۇنداق ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلەندى: 1-جازانىڭ كەڭلىكى ئوخشاش بولمىدى. ئامېرىكىنىڭ جازالاش ساھەسى ۋىزا بېرىشنى چەكلەش، مۈلۈك توڭلىتىش، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى، ئېنېرگىيە كارخانىلىرى، ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى، ئىجازەتنى باشقۇرۇپ تىزگىنلەش قاتارلىق ئالتە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جازالاش دائىرىسى ئالدىنقى ئۈچ تۈرنىلا ئۆز ئىچىگە ئالدى. 2-جازالاشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئوخشاش بولمىدى. ئامېرىكا زەربە بېرىشنىڭ تىغ ئۇچىنى بىۋاسىتە پۇتىننىڭ يادرولۇق چەمبىرىدىكى ئەربابلارغا قاراتتى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى جازالاشنى بىر قەدەر كەڭ دائىرىلىك قىلدى. 3-جازالاشنىڭ كۈچى ئوخشاش بولمىدى. ئامېرىكا نىشانىنى ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي سانائەت كارخانىلىرى قاتارلىق رۇسىيە ئىقتىسادىدىكى تۈۋرۈك كەسىپلەرگە قاراتتى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ساھەلەرنى تۈپتىن بۇ دائىرىگە كىرگۈزمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى 25-ئىيۇل رۇسىيەنى جازالاش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى، گەرچە تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ ئىقتىساد تارمىقىنى نىشانغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا تەبىئىي گاز تېخنىكا ساھەسىگە چېتىشلىق بولمىدى.




  بۇ ئىككىسىنىڭ جازاسىنى سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا رۇسىيەنى جازالاشتا چوڭ گەپ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ھەدەپ ھەيۋە قىلدى؛ ياۋروپا ئىتتىپاقى بولسا ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىنى بېسىۋالدى، بۇنىڭ ئارقىسىدا زادى قانداق سەۋەب بار؟




  بىرىنچىدىن، ئامېرىكا، ياۋروپانىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا بىر يىلدا 30 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدىلا بولىدۇ، ئەمما رۇسىيە بىلەن ياۋروپانىڭ بىر يىللىق سودىسى 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۈچتىن بىر ئېنېرگىيەسى رۇسىيەدىن كېلىدۇ، ئەمما ئامېرىكا بولسا پۈتۈنلەي ئېنېرگىيەدە مۇستەقىل بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە ئېھتىياجى يوق. ئىقتىسادتا تايىنىش دەرىجىسى ئوخشىمىغانلىقتىن، ئامېرىكا رۇسىيەگە بولغان جازانى خالىغانچە يولغا قويسا بولىدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالدى-ئارقىسىغا قاراپ ئىش تۇتماي ئامالى يوق.




  ئىككىنچىدىن، ئىككى تەرەپنىڭ جازالاش ئېلىپ كەلگەن پاسسىپ تەسىرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ئوخشىمايدۇ. پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش، جانلىنىشى بىر قەدەر تېز بولدى، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى بۈگۈنگىچە ياۋروپا قەرز كىرىزىسىنىڭ قارا كۆلەڭگىسىدىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇپ چىقالمىدى، شۇڭا رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەبىئىيلا پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى. يېقىندا، ئامېرىكا فىرانسىيەگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇنىڭدىن رۇسىيەنى «غەربىي شىمال شامىلى» ناملىق ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن تەمىنلەش توختىمىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، فىرانسىيە بۇنى كەسكىن رەت قىلدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭىدىن ھاسىل قىلغان جازالاش كېلىشىمىدىمۇ ئىمزالاپ بولغان ھەربىي جابدۇق سېتىۋېلىش توختىمىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دەپ كۆرسىتىلدى.




  ئۈچىنچىدىن، ئامېرىكا ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا باشچىلىق قىلماقچى بولدى، ھالبۇكى، جازانى يولغا قويۇش-ئامېرىكىنىڭ ياۋروپانى تىزگىنلەش، ئۆزىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋاسىتىلەرنىڭ بىرى بولدى. ياۋروپانىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىيدىكى چوڭ شاھمات تاختىسى بولۇش ئورنىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆز ئالدىغا بولغان ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن، جازالاش ئارقىلىق، رۇسىيە-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، خورىتىشىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى جازالاش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن سودىلىشىپ، جازالاشنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلانماقچى بولدى.


  تۆتىنچىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمى ئىتتىپاق ئەمەس. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەم تۇرۇۋاتقان ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن، رۇسىيەنى جازالاش پوزىتسىيىسىمۇ زور دەرىجىدە ئوخشاش بولمىدى. كونا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەيدانى ئوخشىمىدى، يېڭى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ۋېنگرىيە، چېخ، بۇلغارىيە، سىلوۋاكىيە بىلەن بالتىق دېڭىزى بويىدىكى ئۈچ دۆلەت، رۇمىنىيە، پولشانىڭ مەيدانىمۇ ئوخشاش بولمىدى. تېخىمۇ مەسخىرىلىك يېرى شۇكى، ئەنگلىيە بىر تەرەپتىن فىرانسىيەنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي پاراخوت سېتىپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، يەنە بىر تەرەپتىن يەنە رۇسىيەگە مەرگەن مىلتىقى قاتارلىق قورال-ياراغلارنى سېتىپ بەردى.


  مالايسىيە ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سۆز قىلىپ، رۇسىيە بۇ قېتىمقى پاجىئەنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى قۇتراتقۇچىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدى ھوشىنى تاپمىسا بولمايدۇ دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇنداقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ھوشىنى تاپالامدۇ-يوق؟ ھەر قايسى ئەزالىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، ھەرىكەت جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىيالامدۇ؟ ھازىرچە بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك ناھايىتى تەس.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر