باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن ئاياللىرى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ بەختلىك

2014.08.01 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  30-ئىيۇل چاۋشيەننىڭ «ئەر-ئاياللار باراۋەرلىك قانۇنى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 68 يىللىق خاتىرە كۈنى، چاۋشيەندىكى ھەرقايسى چوڭ تاراتقۇلار بەس-بەستە ماقالە ئېلان قىلىپ چاۋشيەن ئاياللىرىنىڭ «دۇنيا بويىچە ئەڭ بەختلىك ئاياللار» ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىم جۇڭئون تۈزۈلمىسىگە سادىق بولۇشقا چاقىرىق قىلىندى.


  چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە كورىيە ۋە دۇنيادىكى باشقا ھەرقايسى دۆلەت ئاياللىرىنىڭ چاۋشيەن ئاياللىرىغا ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇلۇپ چاۋشيەن ئاياللىرىنىڭ «دۇنيا بويىچە ئەڭ بەختلىك ئاياللار» ئىكەنلىكى ئېيتىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: «چاۋشيەن ئاياللىرى پارتىيە ۋە داھىيغا سادىق ئىنقىلابچىلار، سوتسىيالىزم ۋە ۋەتەن ئۈچۈن قان-تەرىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلەر، مۇھەببىتى ۋە ئۆزىنى قۇربان قىلىش ھېسابىغا سوتسىيالىزم چوڭ ئائىلىسىنى قۇرۇۋاتقانلار.» «ئەمگەك خەۋەرلىرى»دە يەنە كىم جۇڭئېل ۋە كىم جۇڭئوننىڭ ئاياللار ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئائىت قىزىقارلىق ئىشلىرى، چاۋشيەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى چاۋشيەنلىك ئايال شوپۇرنىڭ قوليازمىسى، كىم جۇڭئوننىڭ ئاياللارغا قىلغان نەچچە قېتىملىق مېھىر-شەپقىتى، ئايال ئەسكەرلەر، ئايال ئالىملار، ئايال كادىرلار قاتارلىق ھەر ساھە ھەر كەسىپتىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئاياللارنىڭ ئىش-ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان ماقالىلەر بېسىلدى.


  ئۇنىڭدىن باشقا چاۋشيەن مەركىزى رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ۋە پيوڭياڭ رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق باشقا تاراتقۇلارمۇ بەس-بەستە توقۇمىچىلىق فابرىكىسىنىڭ سېخ مۇدىرى، ئەمگەكچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ھەيئىتى، ئالىي مەكتەپ ئاسپىرانتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئاياللار ئىچىدىكى داڭدارلار»نى تونۇشتۇردى.


  چاۋشيەن 1946-يىلى 30-ئىيۇل «ئەر-ئاياللار باراۋەرلىك قانۇنى»نى ئېلان قىلغان بولۇپ بۇ چاۋشيەن خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇش (1948-يىلى 9-سېنتەبىر قۇرۇلغان)دىن ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قانۇن جەمئىي جەمئىي توققۇز ماددا بولۇپ چاۋشيەن ئاياللىرىنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھالدا سايلاش ھوقۇقى ھەم سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىشى ھەمدە ئەمگەك قىلىش، مائاش-تەمىنات، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ۋە تەربىيىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر