باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن زۇڭلى پورتاس بىلەن كۆرۈشتى

2014.07.25 12:28   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن زۇڭلى پورتاس بىلەن كۆرۈشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 24-ئىيۇل دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پورتۇگالىيەنىڭ تېرسىيرا ئارىلىدا پورتۇگالىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ۋەكىلى، مۇئاۋىن زۇڭلى پورتاس بىلەن كۆرۈشتى.

  پورتاس شى جىنپىڭغا زۇڭتۇڭ شېرۋانىڭ ئۆز قولى بىلەن يازغان خېتىنى يەتكۈزدى. شېرۋا خېتىدە شى جىنپىڭنىڭ يول ئۈستىدە پورتۇگالىيەدىن ئۆتكەنلىكىنى قارشى ئالدى ھەم ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى، چەت ئەلدە زىيارەتتە بولۇپ قالغاچقا، پورتاسقا كۈتۈۋېلىشنى ئالاھىدە ھاۋالە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ پورتاس ئارقىلىق شېرۋا زۇڭتۇڭغا سالام ئېيتتى، پورتاسنىڭ زۇڭتۇڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن پايتەخت لىسبوندىن ئالاھىتەن كېلىپ جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنى كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىككى ئاي بۇرۇن، زۇڭتۇڭ شېرۋا جۇڭگونى زىيارەت قىلغاندا، ئىككىمىز ئوبدان سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى كۈچ قوشقانىدۇق. پورتۇگالىيە جۇڭگونىڭ ياۋروپادىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد، تېخنىكا، مەبلەغ سېلكىش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ساياھەت، دېڭىز-ئوكيان قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-پورتۇگالىيە مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو پورتۇگالىيە ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ھالىتىنى ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمەلىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ پورتۇگالىيەگە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ، پورتۇگالىيەنىڭ ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە ئۇزۇنغا سوزۇلغان دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى ۋە مول دېڭىز-ئوكيان بايلىقىغا ئىگە، ئىككى تەرەپ دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان بايلىقىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە ھەمكارلىقنى كۈچەيتسە بولىدۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئۆزبېكىستاننىڭ %50 ئائىلىسىدە مىنبۇس ماشىنا بار
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىستىلىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئوقۇغۇچىلارنى قاتناشتۇرۇش…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى باشلانغۇچ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئائىلە ئەمگەك تاپشۇرۇقىنى كۆپەيتىشنى بەلگىلىدى
      ·يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش كۇچا ناھىيەسىنىڭ كەنىتلىرىنى قاپلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار رويخېتى سىستېمىسى ئارقىلىق پەرزەنتلەرنىڭ كۆچۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەر ھەرقانداق شەكىلدە ئوقۇشقا كىرىش-ئۆر…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ھەربىر ئوقۇغۇچىغا مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر ئوقۇش تەۋەلىك نومۇرى تارقىلىتىدۇ
      ·كۈندە بىر سائەت ئويۇن ئويناش بالىلار ئۈچۈن پايدىلىق
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2014-يىلدىن باشلاپ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلارنىڭ مەكتەپتە قېل…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى خېڭ شۈي ئوتتورا مەكتىپىنى ئۆز ئىچگە ئالغان قالايمىقان ھەق ئېلىشقا ئالاقىدار بە…