باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قارنى يامان جۇڭگولۇقلار ئافرىقا تاغتېشەرلىرىنىمۇ يەپ نەسلىنى قۇرۇتىۋەتمەكتە

2014.08.01 09:10        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە «قوغدىنىش گېزىتى»نىڭ 29-ئىيۇلدىكى ماقالىسى ئەسلى تېمىسى: ھايۋانات قوغدىغۇچى مۇتەخەسىسىلەر «نەسلى يەپ قۇرۇتىۋېتىلىۋاتقان» تاغتېشەر توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەردى


  جۇڭگودا تاغتېشەرنىڭ قاسرىقى دورا ماتېرىيالى. جۇڭگو ۋە ۋېيېتنام قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە تاغتېشەرنىڭ مەزىلىك گۆشىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ سەۋەبى بىلەن تاغتېشەر «نەسلىنى يەپ قۇرۇتىۋېتىش» گىرداۋىغا دۇچ كەلمەكتە.


  تاغتېشەر دۇنيادىكى بىردىن بىر قاسراقلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولۇپ، ئۇنىڭ شەمشاد غوزىسىغا ئوخشاش تۆت پۇتى، شىلىمشىق تىلىغا تايىنىپ ئوۋ ئوۋلايدىغان تىلى بار.


  لوندۇن ھايۋاناتلار بىرلەشمىسىنىڭ قوغداش تۈرى مەسئۇلى يۇھانىس بىلىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دۇنيادىكى 8 خىل تاغ تېشەرنىڭ ھەممىسى نەسلى قۇرۇپ كېتىۋاتقان ھايۋانلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۆتكەن 10 يىلدا، دۇنيادىكى تەخمىنەن 1 مىليۇندىن ئارتۇق تاغتېشەر قانۇنسىز ئوۋلانغان. ئۇ بۇنى ناھايىتى چوڭ دەرىجىدە جۇڭگو بىلەن ۋېيېتنامدىكى قانۇنسىز سودا كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى تەكىتلىدى. قانۇنسىز سودا ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن جۇڭگو، ۋېيېتنام ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تاغتېشەرنىڭ سانى ساناقلىقلا قالغان.


  يۇھانىس بىلىنىڭ قارىشىچە، ئاسىيادىكى تۆت خىل تاغتېشەر نەسلى قۇرۇپ كېتىش گېرۋىكىگە بېرىپ قالغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار نىشانىنى ئافرىقىغا يۆتكىگەن بولۇپ، ئەزەلدىن تەھدىتكە ئۇچراپ باقمىغان تۆت خىل ئافرىقا تاغتېشەرىمۇ نەسلى قۇرۇش گېرداۋىغا كېلىپ قالغان.


  مۇتەخەسىسلەر مۇراجىئەت قىلىپ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتمەكچى بولساق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل مەخسۇس مەبلەغ ئاجىرىتىپ تاغتېشەرنى قوغدىغاندىن سىرت، يەنە كىشىلەرنىڭ تاغتېشەرگە بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزىۋېتىش كېرەك.


  لوندون ھايۋاناتلار بىرلەشمىسى قوغداش تۈرىنىڭ مەسئۇلى جونسون مۇنداق دېدى: 21-ئەسىر بولۇپ كەتتى، كىشىلەر نەسلى قۇرۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ھايۋانلارنى يېمەسلىكى كېرەك». ئۇ يەنە: «بۇ خىل قانۇنسىز سودىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھىچقانداق باھانە بولماسلىقى كېرەك».


  بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ تاغتېشەرنىڭ دورىلىق رولى بارلىقىغا ھېچقانداق ئىسپات يوقلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا تەبىئىي قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ تاغتېشەر مۇتەخەسىسلىرى گۇرۇپپىسى بىر تۈرلۈك تاغتېشەرنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى پىلانىنى ئېلان قىلدى ۋە تاغتېشەرنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا 4 مىليۇن فوندسىتېرلىڭ (41 مىليۇن 850 مىڭ يۈەن) ئاجىرىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2 مىليۇن فونىدسىتېرلىڭنى جۇڭگو بىلەن ۋېيېتنامنىڭ تاغتېشەرگە بولغان ئېھتىياجىنى ئازلىتىشقا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.


  2013-يىلىدىكى دۇنيا تەبىئىي قوغداش ئىتتىپاقىنىڭ باھالىشىچە، جۇڭخۇا تاغتېشەرى بىلەن ئىكۋاتور تاغتېشەرى نەسلى قۇرۇش گېردابىغا بېرىپ قالغان تۈر ئىچىگە تىزىلغان بولۇپ، بۇ ياۋايى تۈر توپى ئۇزۇن بولمىغان كەلگۈسىدە نەسلى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر