باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 10مىڭغا يېقىن كەسپىي ئورۇننىڭ مۈلكىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ

2014.07.31 13:40         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تويانىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايوندىكى 10 مىڭغا يېقىن كەسپىي ئورۇن ھەم كارخانىنىڭ دۆلەت مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش خىزمىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، ئۆكتەبىردىن باشلاپ بارلىق مەمۇرىي كەسپىي ئورۇنلارنىڭ دۆلەت مۈلكىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك ھەرقايسى ئورۇنلىرى بۇ خىزمەتنى مارتتىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قانات يايدۇرغان. بۇ قېتىمقى مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاش خىزمىتىنى تورلاشتۇرۇپ تىزىملاپ جەدۋەل تولدۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىيۇننىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مالىيە باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك باشقۇرۇش ئۇچۇرى يۇمشاق ماتېرىيالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى تاماملىدى، بۇ تورلاشقان مۈلۈك باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى مۈلۈك باشقارمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مۈلۈك ئۇچۇر سانلىق مەلۇماتى بۇنىڭدىن كېيىن نەق ۋاقتىدا يەتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىل جايلاردىكى كەسپىي ئورۇنلار ھەم ئۇلار قۇرغان كارخانىلارنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى گۇۋاھنامىسىنى بېسىش خىزمىتىنى ئاپتونوم رايون بىر تۇتاش بېجىرىدۇ، جايلار توردا مەلۇم قىلىش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى تىزىملاشقىلا مەسئۇل بولىدۇ.

  جايلاردىكى مالىيە تارماقلىرى، خامچوت ئورۇنلىرىنىڭ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى مەشغۇلات ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ھازىر ئاپتونوم رايوننىڭ شۇ دەرىجىلىك دائىرىسىدىكى كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتىنى تاماملىدى، 1700 كىشى تەربىيەلىنىشكە قاتناشتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك كەسپىي تەربىيەلەش خىزمىتى نۆۋەتتە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلماقتا، تىزىملاش خىزمىتىنىڭ 30 – سېنتەبىر تاماملىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر