باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقاتتى

نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدۇ

2014.07.31 13:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا گوۋۇيۈەن «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى تارقىتىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ۋە مەركەزنىڭ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىنىڭ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەر ئاھالىسىگە ئايلاندۇرۇپ، شەھەر-بازار ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنى قاپلاشنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «پىكىر»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.«پىكىر»دە نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئاساسىي پىرىنسىپى، تەرەققىيات نىشانى، سىياسەت-تەدبىرلىرى ۋە رېئاللاشتۇرۇش يوللىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئېھتىياجىغا لايىقلىشىپ، نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇس يۆتكەشكە كەڭچىلىك قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك بازارلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى، كەسىپ بىلەن شەھەر-بازارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش؛ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى بىلەن ئالاقىدار ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي ساھە ئىسلاھاتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك ئاھالىسىنى تەرتىپلىك ھالدا شەھەر-بازار ئاھالىسىگە ئايلىنىشقا مۇۋاپىق يېتەكلەپ، يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن ئاھالىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
 مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر