باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش يېڭى سىياسىتىنى چۈشەندۈردى

2014.07.31 13:39         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى يېقىندا ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ 18 تۈرلۈك يېڭى سىياسىتىنى ئېلان قىلىپ، شەخسىي ئاپتوموبىللارنى ئالتە يىلغىچە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش، باشقا جايدا تەكشۈرۈش، ئالدىن كېلىشىپ تەكشۈرتۈش قاتارلىق بىر قاتار خەلققە قولايلىق، پايدىلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويدى. ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش يېڭى سىياسىتى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولسىمۇ، قىسمەن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى يېڭى سىياسەتتە يولغا قويۇلغان ئالتە يىلغىچە شەخسىي ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىگە قارىتا خاتا قاراشلاردا بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ كاندىدات تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى لۇ جيا بۇ خاتا قاراشلارنى مەركەزلىك چۈشەندۈردى.

  بىرىنچى خاتا قاراش: ئاپتوموبىلىمنىڭ تەكشۈرۈش ۋاقتى توشقان بولسىمۇ، 1 – سېنتەبىر يولغا قويۇلىدىغان تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتمىسەممۇ بولىدۇ.

  لۇ جيا: تىجارەتسىز پىكاپ قاتارلىق ئاپتوموبىلنى ئالتە يىلغىچە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن قەرەلى توشۇپ تەكشۈرۈلمىگەن ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ، يەنىلا ئەسلىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.

  ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى››غا ئاساسەن، قەرەلى توشۇپ تەكشۈرتۈلمىگەن ئاپتوموبىللارنىڭ يولغا چىقىشىغا بولمايدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ يولغا چىققانلارنى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  ئىككىنچى خاتا قاراش: بۇ يىل 1 – سېنتەبىردىن كېيىن يېڭىدىن سېتىۋالغان شەخسىي ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى يېڭى سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش كېرەك.

  لۇ جيا: 2010 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن كېيىن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ، 1 – سېنتەبىردىن كېيىن ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ھاجەتسىز.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ۋاقتىنى ئايرىشقا (موتورلۇق قاتناش پىراۋىسىنىڭ ئۈستىگە بېسىلغان) ئاساسەن: 2012 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن كېيىن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ئاپتوموبىللار ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلەيدۇ؛ 2010 – يىلى 1 – سېنتەبىردىن 2012 – يىلى 31 – ئاۋغۇستقىچە بولغان ئارىلىقتا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ئاپتوموبىللار پەقەت بىر قېتىم تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلەيدۇ. 2010 – يىلى 31 – ئاۋغۇستتىن بۇرۇن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملانغان ئاپتوموبىللار، 1 – سېنتەبىردىن بۇرۇن 2 – قېتىملىق يىللىق تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشى كېرەك، شۇڭا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.

  ئۈچىنچى خاتا قاراش: يېڭى سېتىۋالغان كىچىك تىپتىكى شەخسىي ئاپتوموبىل بولسىلا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلەيدۇ.

  لۇ جيا: يېڭى سېتىۋالغان كىچىك تىپتىكى شەخسىي ئاپتوموبىللار ئۈچ خىل ئەھۋالدا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ:

  بىرىنچى خىل ئەھۋال: قىسمەن تىپتىكى ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. ئالتە يىلغىچە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىگە كىرىدىغان ئاپتوموبىللار تىجارەتسىز پىكاپ (چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تىجارەتسىز كىچىك تىپتىكى ۋە پەۋقۇلئاددە كىچىك تىپتىكى يولۇچى ئاپتوموبىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، لېكىن مىنىبۇس، يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ كىشىلىك ئاپتوبۇسلار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.

  ئىككىنچى خىل ئەھۋال: ۋەقە سادىر قىلىپ باققان ئاپتوموبىللار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. يېڭى ئاپتوموبىل ئالتە يىل ئىچىدە ئادەم يارىلاندۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت قاتناش ھادىسىسى سادىر قىلغان بولسا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.

  ئۈچىنچى خىل ئەھۋال: ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت تىزىملاتمىغانلار تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ. شەخسىي ئاپتوموبىللار زاۋۇتتىن چىققان كۈندىن باشلاپ تۆت يىل رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەن بولسىمۇ، تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىلىنەلمەيدۇ.

  تۆتىنچى خاتا قاراش: شەخسىي ئاپتوموبىلنى ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلسا خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرسا بولىدۇ.

  لۇ جيا: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىش، قاتناش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ قالسا مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئالتە يىل ئىچىدە تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلغان ئاپتوموبىللار يەنىلا تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلىشى كېرەك، ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى تەكشۈرۈش بەلگىسىنى تارقاتقاندا ئاپتوموبىل ئىگىسىگە ئاپتوموبىلنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ئاپتوموبىل ئىگىسىدىن ئاپتوموبىلنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرماسلىق ھەققىدە يازمىچە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى يوللاردا تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتوموبىلنى قانۇنسىز ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغانلارنى بايقىغان ھامان قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ۋە ئەسلىي ھالىتىگە قايتۇرۇشنى بۇيرۇيدۇ.

  بەشىنچى خاتا قاراش: مېنىڭ ئاپتوموبىلىم تەكشۈرۈشتىن كەچۈرۈم قىلىندى، تەكشۈرۈش بەلگىسى ئېلىپ چاپلىمىساممۇ بولىدۇ.

  لۇ جيا: موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تېخنىكا تەكشۈرۈشى، تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلىشى ۋە چاپلىشى ‹‹يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ۋە يولغا قويۇش نىزامىدا بەلگىلەنگەن. بۇ قېتىمقى ئاپتوموبىل تەكشۈرۈش يېڭى سىياسىتىدە شەخسىي ئاپتوموبىللارنى ئالتە يىل ئىچىدە يولدا تەكشۈرۈشنى كەچۈرۈم قىلىش سىناق قىلىنىدۇ، تەكشۈرۈش كەچۈرۈم قىلىنغان ئاپتوموبىللار يەنىلا ئىككى يىلدا بىر قېتىم ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىغا بېرىپ تەكشۈرۈش بەلگىسىنى ئېلىشى ۋە بەلگىلىمە بويىچە چاپلىشى كېرەك. بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش بەلگىسى ئالمىغان ۋە چاپلىمىغانلارنى ج خ قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر