باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شېنياڭ شەھىرىدە ئوقۇتقۇچىلار قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ دەرس تولۇقلىسا مەكتەپتىن ھەيدىلىدۇ ياكى خىزمەتتىن بوشىتىلىدۇ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2014.07.31 13:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹دەرسنى دەرس ۋاقتىدا سۆزلىمەي، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن سۆزلەش، دەرسنى ھەقلىق تولۇقلاش، يېڭى دەرسنى ئالدىن سۆزلەش›› قاتارلىق ئەھۋاللار نۇرغۇن ئاتا – ئانىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. شېنياڭ شەھىرى يازلىق تەتىل مەزگىلىدە خىزمەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ ھەقلىق دەرس تولۇقلىغانلارنى مەكتەپتىن ھەيدەيدىكەن ياكى تەكلىپ قىلىش توختامىنى بىكار قىلىدىكەن ھەم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرىدىكەن.

  شېنياڭ شەھەرلىك مائارىپ ۋە ئىستىل تۈزىتىش تارماقلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قائىدىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاشنى رەتكە سېلىش، تۈزەش ھەرىكىتى ئىيۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە قانات يايدۇرۇلىدىكەن.

  شېنياڭ شەھەرلىك مائارىپ ۋە ئىستىل تۈزىتىش تارماقلىرى بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىپ، تەكشۈرۈشنى ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن قانات يايدۇرىدىكەن. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان ئوقۇتقۇچىلارغا قىلمىشىنىڭ ئېغىر – يېنىكلىكىگە قاراپ تاپاۋىتىنى تاپشۇرۇش، گۇناھ يېزىش، ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش ياكى توختامنى بىكار قىلىش قاتارلىق جازالارنى بېرىدىكەن ھەم تاراتقۇلاردا ھەقىقىي ئىسمى ئاتىلىپ، تىپىك مىسال سۈپىتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىكەن؛ بىر مەكتەپتە بىر يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىمدىن ئارتۇق قائىدىگە خىلاپ ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ئەھۋالى ئېنىقلانسا، مەكتەپ ۋە مەكتەپ مۇدىرىنىڭ يىللىق ئەلا باھالىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدىكەن، قىلمىشى ئېغىر بولغاندا، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ مەمۇرىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر