باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي 13 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىش نىشانىنى بېكىتتى

2014.07.31 13:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، شاڭخەي كونكرېت كېڭەيتىش نىشانىنى بېكىتىپ بولغان بولۇپ، 2015 – يىلىغىچە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن 13 مىڭنى كېڭەيتىدىكەن، زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 6000 نى ياسايدىكەن.

  شاڭخەي شەھەرلىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما جىڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەينىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىش لايىھەسىدە دۆلەتنىڭ تەلىپى بىلەن شاڭخەينىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تەرەققىيات ئەمەلىيىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاساستا 2015 – يىلىغىچە 13 مىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى كېڭەيتىپ ئىشلىتىش نىشانىغا يېتىش ئېنىق بەلگىلەندى. بۇنىڭ ئىچىدە، باشقا جايلارنىڭ ماركىلىق ئاپتوموبىللىرى %30تىن يۇقىرى بولىدۇ؛ شاڭخەي يېڭىدىن كۆپەيتىدىغان ياكى يېڭىلايدىغان ئاممىۋى ئاپتوبۇس، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى، مۇھىت ئاسراش، ئەشيا ئوبوروتىدا ئىشلىتىدىغان ئاپتوموبىللار ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ نىسبىتى %30تىن يۇقىرى بولىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، زەرەتلەش تۈۋرۈكىدىن 6000ى ياسىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 2013 – يىلىدىن 2014 – يىلىغىچە جەمئىي ياسالغان ئۆزگىرىشچان – تۇراقلىق زەرەتلەش تۈۋرۈكى 1800 بولۇپ، 2015 – يىلى 4200ى ياسىلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۈرلۈك ئېتىبار سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ساھەلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىمۇ بارغانسېرى ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شاڭخەيدە سېتىلغان ھەرخىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 1000 دىن ئېشىپ، 2013 – يىلىدىكى ئومۇمىي سېتىلىش سانى 581 دىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپلىرى شاڭخەي بازىرىغا كىرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر