خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيە ئىشخىلا بازىرى قۇمئېرىق ئىجتىمائىي رايون 1- گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان سېيىت يۇنۇس تېرىلغۇ يېرىنىڭ شاپتۇللۇق باغ قىلىشقا ماس كېلىشتەك ئەۋزەلىككە ئاساسەن 2011- يىلى 2.5 مو يەرگە تۈرلۈك سورتتىكى يەرلىك شاپتۇل كۆچەتلىرىنى تىكىپ، پەرۋىشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا تۈجۈبىلەپ ياخشى ئىشلىگەنلىكتىن بۇ يىل شاپتۇللىرى ئوبدان مېۋىلەپ، بالدۇر پىشتى، ئۇ 1-ئاۋغۇستقا قەدەر شاپتۇللىرىنى باغنىڭ ئۆزىدىلا ۋاستىچىلارغا توپ سېتىپ، 25 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ ، شاپتۇللۇق باغ قىلغاننىڭ پايدىسىنى ككۆردى.
سۈرەتتە: 1-ئاۋغۇست سېيىت يۇنۇس ئايالى بىلەن شاپتۇل ئۈزمەكتە.
(مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى