- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەزىز ماۋرىتانىيىنىڭ زوڭتۇڭلىقىغا سايلاندى
2014.08.04 09:42 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ماۋرىتانىيىنىڭ زوڭتۇڭلىقىغا سايلانغان ئەزىز 2-ئاۋغۇست پايتەخت نوۋاكشوتتا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ، 2- بەش يىللىق زوڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەشكە باشلىدى.ئۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: 2009-يىلىدىن بۇيان ماۋرىتانىيە ئارمىيە ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بازا تەشكىلاتىنىڭ تارمىقى بولغان ئىسلام مەغرىب بازا تەشكىلاتىغا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىق زەربە بەردى. تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ماۋرىتانىيىدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى مەغلۇب بولۇش بىلەن ئاياغلاشتى.
ئەزىز ھۆكۈمەتنىڭ چېرىكلىككە زەربە بېرىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ،نامرات نوپۇسنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا ۋەدە بەردى. ھەمدە گۈللەنگەن ، قۇدرەتلىك ماۋرىتانىيە قۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر