خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئاۋۇت بارات خەۋىرى: 2-ئاۋغۇستتىن 4-ئاۋغۇستقىچە تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى قىزغىن تەبرىكلەندى. تەبرىكلەش پائالىيىتىگە دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلا، ئاپتونوم رايوندىكى باشقا ئاپتونوم ناھىيەلەر ۋەكىل ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.
تەبرىكلەش پائالىيىتىدە تۈرلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت، مىللىي ئۆرپ-ئادەت، ئات بەيگىسى، ئات ۋە قوتاز بىلەن ئوغلاق تارتىشىش، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، پائالىيەتنى ئەۋجگە كۆتۈردى.
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى