- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مالايسىيا مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى تەسىس قىلدى
2014.08.04 09:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايسىيا زوڭلىسى نەجىف 1-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى بىلدۈردى:MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش ئۈچۈن،مالايسىيا مەملىكەتلىك تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى تەسىس قىلدى.
نەجىف مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: خەلقئارا تەكشۈرۈش ئەترىتى MH17 بەلگىلىك نۆۋەتچى ئايروپىلاندىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغان مالايسىيالىق 43 كىشىنىڭ قىسمەنلىرىنىڭ جەسىتىنى بېكىتتى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مالايسىيا خەلقئارا تەكشۈرۈش ئەترىتى بىلەن ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن ئورۇنغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ،بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قىسمەن جەسىتى ۋە ئايروپىلان سۇنۇقىنى تېپىشنى ئۈمىد قىلماقتا. ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدا نەجىپ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە مۇستەقىل تەكشۈرۈش تەشكىلاتى دەسلەپكى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. ئۇلار مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئەھۋالنى تىزدىن ئۇقتۇرىدۇ. دوكلاتىنى ئالدى بىلەن خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە تەشكىلاتىغا سۇنىدۇ، ئارقىدىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر