- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
زوراۋان-تېررورلۇق جىنايەتچىلىرى چوقۇم جازالىنىدۇ، تېررولۇققا قارشى تۇرۇشقا قاتناشقانلار مۇكاپاتلىنىدۇ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن «28-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋان-تېررورلۇق ۋەقەسى ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات ئېلان قىلىپ، توپىلاڭچىلارنى قورشاپ تۇتۇشقا قاتناشقان ئاممىنى 300 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى
2014.08.04 16:35 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-چېسلا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلىپ، يەكەن «28-ئىيۇل» ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇمات بېرىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۇنشيەن شىنجاڭنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.
ج خ ئورگانلىرىنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن تەكشۈرۈشى ئارقىلىق، 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ۋەقەسى ئاساسەن ئېنىقلاندى. بۇ چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا تىل بېرىكتۈرگەن، تەشكىللىك، ئالدىن پىلانلانغان، ئەتراپلىق ئۇيۇشتۇرۇلغان، خاراكتېرى قەبىھ ئېغىر زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. ۋەقەدە 37 بىگۇناھ ئامما قازا قىلدى (ئۇنىڭ ئىچىدە خەنزۇ 35 ، ئۇيغۇر 2)، 13 ئادەم يارىلاندى، 31 ماشىنا ئۇرۇپ چېقىۋېتىلدى، ئۇنىڭ ئىچىدە 6 ماشىنا كۆيدۈرۈۋېتىلدى. بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، 59 توپىلاڭچى ئېتىپ تاشلىنىپ، 215 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى، «غازات» بايرىقى ۋە قىلىچ، پالتا قاتارلىق جىنايەت قوراللىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى توپىلاڭچىلارنى مەخسۇس قورشاپ تۇتۇش ھەرىكىتىگە قاتناشقان بارلىق ئاممىنى ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى 300 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى. 3-چېسلا چۈشتىن كېيىن، قاراقاش ناھىيەلىك خەلق مەيدانىدا چوڭ يىغىن ئېچىلىپ، ئالدىن تۇنجى تۈركۈم قورشاپ تۇتۇش مەخسۇس ھەرىكىتىدىكى ئىلغار كوللىكتېپ ۋە ئىلغار شەخىسلەر تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى، مۇكاپات پۇل سوممىسى 4 مىليون 230 مىڭ يۈەنگە يەتتى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر