باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيلىك س س م ب ئىدارىسى مۇلازىمەت تەدبىرىنى كۇچەيتىپ، ئىتىبار سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۇردى

2014.08.04 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇچا ناھىيلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى دۆلەتنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە قايتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار ئىتىبار سىياسەتلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۇرۇپ، «دۆلەتلىك سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۇچۇن مۇلازىمەت قىلىش توغرسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نوقتىسىدا شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەقىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش فۇنكىسيەسىنى تۇرغۇزۇش توغرسىدىكى پىكرى» نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، كارخانا ۋە يەككە ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۇچ بىلەن قوللاپ ۋە ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ئىقتىسادىنىڭ ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


  بۇ ئىدارە ئىگىلىك تىكلەش بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇشتىكى چەكلىمىنى قويۇۋېتىپ، بازارغا كىردىغان ساھەلەرنى كېڭەيتتى. «شىركەت قانۇنى» نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئومۇم مۇلۇكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنى قوللاش توغرسىدىكى 36 تۈرلۈك پىكرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 45 تۈرلۈك پىكرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چەكلەنمىگەن بولسىلا تەستىقلاش پرىنسىپى بويىچە قانۇن-نىزاملاردا چەك قويۇلمىغان بارلىق كەسىپ ۋە ساھالەرنى بىردەك ئىگىلىك تىكلۇگۇچىلەرگە قويۋەتتى. بۇ ئىدارە بۇ يىل بېشىدىن باشلاپ رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالنى ئېتىراپ قىلىش تۇزۇمىنى يولغا قويۇپ، رويخەتكە ئالدۇرىدىغان كاپتالغا ئەڭ تۆۋەن چەك قويۇش تۇزىمىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.


  كارخانلارنىڭ چوڭىيىشى ۋە كۈچىيىشىنى قوللىدى.گوروھ ۋە ئانا شىركەتنىڭ رويىخەتكە ئالدۇردىغان مەبلىغى30مىليوندىن تۆۋەن بولماسلىق،گوروھ ئانا-بالا شىركەتنىڭ رويىخەتكە ئالدۇردىغان مەبلىغىنىڭ يىغىندىسى50مىليوندىن تۆۋەن بولماسلىق ئاساسىدا،كارخانا گوروھلارنىڭ تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتلىرىنى كېڭەيتىپ،شىنجاڭ مەمۇرى رايۇن نامىنى قوللۇنۇپ، كارخانا گوروھلارنى تىزىملاتسا،ئانا شىركەتنىڭ تىزىملىتىپ رويىخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى10مىليوندىن تۆۋەن بولمىسا،ئانا بالاشىركەتنىڭ رويىخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغىنىڭ يىغىندىسى30مىليوندىن تۆۋەن بولمىسا،كارخانا گوروھ قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلشقا يول قۇيۇلدى.
دىېقانلار كەسپى ھەمكارلىق كوپېراتىپىنى قوللىدى.


  مەركەزنىڭ 1-نۇمۇرلۇق ھوججىتىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزائىگىلىكتىكى ئۈچنى قوللاپ، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان بايلىق ۋە ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىشىغا ئىجازەت بېرىپ، تىزىملاش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغانلاردىن، دىھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپېراتىپى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغانلارغا يېشىل كارىدور تەسسىس قىلىپ «ھەقسىز، يېقىن ئارلىقتىن، توسالغۇسىز» مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
دۆلەت، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، تىزىملاش كۆزنىكىدە ئىشقا ئورۇنلىشىش يېشىل كارىدورىنى ئېچىپ، «ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق قايتا ئىشقا ئورۇنلىشىش» نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت ياراتتى.


  (مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)


  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر