باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسى ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسىدە بىرمۇ پارتىيە ئەزاسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدى

2014.08.04 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى: يېقىندا كۇچا ناھىيەلىك ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۇچۇر كادىرى شياۋلى «پەسىل قۇشى QQ» توپىدىكى كۆچمە پارتىيە ئەزالىرىغا يېقىنقى مەزگىلدىكى پائالىيەتنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ مۇنداق دېدى:« ناھىيەلىك پارتكوم رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى 7 ئاينىڭ 18-، 19-كۈنلىرى ئېچىلدى ، بۇ ھەپتىدە خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش ۋە تەپتىش، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئېچىلىدۇ».


  كۇچا ناھىيەسىدە ھەر يىلى 60 تىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدۇ . ئۇلارنىڭ تۇرۇشلۇق جايى تارقاق، ئۆگىنىش ۋاقتى ئېنىق بولماسلىق، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى تەس بولۇشتەك ئەھۋالدا، بۇ ناھىيە ئۇلارنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش ئۈچۈن، سىرتتىكى پارتىيە ئەزالىرىغا خەت ئەۋەتىش، تېلېفون قىلىش، ئېلخەت يوللانمىسى يوللاش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىنى تېپىش ئارقىلىق، ئۇلار بىلەن بىر قېتىم سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇردى .شۇنداقلا، كۈسەن ئاخبارات تورى ، كۇچا پارتىيە قۇرۇلۇشى تورى ، «پەسىل قۇشى QQ» توپى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئاممىۋىي لۇشيەن خەت ساندۇقى ۋە سۆز قالدۇرۇش توربېتى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ يۇرتى ھەققىدىكى پىلانى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، گۈزەل يېزا قۇرۇش ھەم ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك كوللېكتىپى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ سىياسىيدا مۇستەھكەم بولۇش، «تۆت ناچار ئىستىل» ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك قاتارلىق جەھەتتىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى توپلىدى .ھازىرغىچە، بۇ ناھىيە 276 تۈرلۈك پىكىر-تەكلىپ توپلاپ، سىرتتا ئىشلەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىدىن پىكىر ئېلىشتا «ئارىلىق بولماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇردى .


  (مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)


  مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر