خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆز جايىنىڭ ئەنجۈر ئۆستۈرۈشكە باپ كېلىشتەك ئەۋزەلىكىگە ئاساسەن دېھقانلارنى ئەنجۈرلۈك باغ قىلىشقا يېتەكلىگەن ئىدى، نۆۋەتتە بۇ بازاردا ئەنجۈرلىك باغ كۆلۈمى 1500مودىن ئېشىپ، دېھقانلار خاس ئەنجۈرلۈك باغدىنلا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن مو بېشى كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، ئەنجۈرلىك باغ قىلغاننىڭ پايدىسىنى كۆردى.
بۇ يىلمۇ بۇ بازاردىكى ئەنجۈرلەر تازا ئوخشىدى، دېھقانلار 10- ئىيۇلدىن ئىېتىبارەن ئەنجۈرلەرنى ئۇدۇللۇق سېتىپ، 2-ئاۋغۇستقىچە ھەر مو ئەنجۈرلىك باغدىن 10 مىڭ يۈەنگىچە كىرىم قىلىپ، تىللا تۆكۈلىدىغان بۇ دەرەخنىڭ خاسىيىتىدىن لەزەتلەندى.
سۈرەتتە: 1-ئاۋغۇست ئىشخىلا 1-كەنت 5- گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان توختەم ئاۋۇت ئەنجۈر ئۈزمەكتە.
(مۇخبىر كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدا)
مۇھەررىر: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى