- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تايلاند جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ساياھەتچىلىرىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش لايىھىسىنى ماقۇللىدى
2014.08.04 09:47 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تايلاندنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇنداق دېدى: تايلاند ئارمىيىسىنىڭ ئامانلىق قوغداش مەركىزى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى،تەيۋەن ساياھەتچىلىرىگە 8-، 9-،10-ئايدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش لايىھىسىنى ماقۇللىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ساياھەت بازىرىنى ئېچىش ۋە جۇڭگو بىلەن تايلاند دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تايلاند ئارمىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش مەركىزىي جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە 8-، 9-، 10-ئايدا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش لايىھىسىنى ماقۇللىدى. 4- ئاۋغۇست ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن تايلاند ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىغىن ئېچىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ. ھەمدە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجرا قىلىش توغرىسىدا رەسمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ، كېلەر ھەپتە ئىچىدە يولغا قويۇلۇشى مۇمكىن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر