باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توردىكى چاكىنا مەزمۇنلارنى كۆرمەسلىك كېرەك

2014.05.12 16:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى يېقىندا بېيجىڭدا مەركەزدىكى ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە ئاساسلىق تور بېكەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تور بېكەتلىرىنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، تۈزىتىش ئەھۋالى ۋە ‹‹شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش›› ۋە تور مۇھىتىنى ساپلاشتۇرۇش بويىچە 2014 – يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، تور بېكەت مەسئۇللىرى بەس – بەستە پىكىر بايان قىلىپ، بىردەك توردا تارقىلىۋاتقان شەھۋانىي، چاكىنا مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇۋاتىدۇ، بۇ ئېنىقلا قانۇن – بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلمىش، ئۇنىڭغا جەزمەن قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك، دەپ قارىدى ھەم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، قىزىل سىزىقتىن ھالقىماي، تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، شەھۋانىي، چاكىنا مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارغا بوشلۇق بەرمەي، چاكىنا مەزمۇنلارنىڭ كۆپ كۆرۈلۈشىگە تايىنىپ پۇل تېپىش يولىدا ماڭمايمىز، دەپ ۋەدە بەردى.

  دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى رېن شيەنلياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزدىكى ئاخبارات تور بېكەتلىرى ۋە ئاساسلىق سودا تور بېكەتلىرى تور ئەھلىلىرى ئۇچۇرغا ئېرىشىدىغان مۇھىم يول، شۇڭا، ئۇلار شەھۋانىي، چاكىنا مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى توسۇش مەسئۇلىيىتىنى جەزمەن ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ۋەدە بېرىپلا قالماي، ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. تور بېكەتلىرى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، شەھۋانىيلىققا چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارغا قەتئىي ئورۇن بەرمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشنى كۆزلىشى كېرەك. دۆلەت ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، باشقۇرۇش ۋە جازالاشنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەقىقىي ساپلاشتۇرۇشى كېرەك. شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر